باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«شى جىنپىڭ ‹بىر بەلباغ، بىر يول› توغرىسىدا» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2018.12.12 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭ ‹بىر بەلباغ، بىر يول› توغرىسىدا» ناملىق كىتاب ج ك پ مەركىزىي ھۆججەت- ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلىدۇ.

  بۇ مەخسۇس ئەسەرلەر توپلىمىدا 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ قازاقىستاننىڭ نەزەربايوف ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نوتقىنىڭ «‹يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبىغى›نى ئورتاق قۇرايلى» تېمىسىدىكى بىر قىسمى باشلىنىش ماقالىسى قىلىنغان، 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى يولداش شى جىنپىڭ جۇڭگو- ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن سۆزىنىڭ «ئىستراتېگىيە ۋە ھەرىكەتنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ‹بىر بەلباغ، بىر يول› قۇرۇلۇشىنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرەيلى» تېمىسىدىكى بىر قىسمى ئاخىرلاشتۇرۇش ماقالىسى قىلىنغان،

  يولداش شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى بايان قىلغان 42 پارچە مۇھىم ماقالە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، تەخمىنەن 130 مىڭ خەتكە يېتىدۇ.

  18-قۇرۇلتاي مابەينىدە، يولداش شى جىنپىڭ ئىچكى- تاشقى ئىككى ئومۇملۇقنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دۇنيا ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ ۋە ئويلىنىپ، دەۋر ئېقىمىغا لايىقلىشىپ، تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ماسلىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئالدى بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەت، بولۇپمۇ يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشتىكى زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر بولغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش − دۆلىتىمىزنىڭ دۇنياۋى ئېچىۋېتىش- ھەمكارلىققا قاتنىشىش، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش سىستېمىسىنى ياخشىلاش، يەر شارى ئورتاق تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى جۇڭگو لايىھەسى بولۇپ قالماقتا. يولداش شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپى، مول مەزمۇنى، نىشان يولى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر شەرھلەپ،«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، يول بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خەلقىگە بەخت يارىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ، ئۇلۇغۋار پىلانلارنى سۈرەتلەپ بېرىپ، مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر