باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم، دەپ تەكىتلىدى

2018.12.11 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، «دۇنيا ئىنسانىي ھوقۇق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «دۇنيا ئىنسانىي ھوقۇق خىتابنامىسى» ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ھۆججەت بولۇپ، دۇنيا ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. جۇڭگو خەلقى ھەرقايسى ئەللەر خەلقى بىلەن بىرلىكتە تىنچ، تەرەققىي قىلغان، ئادىل، ھەققانىي، دېموكراتىك، ئەركىن بولغان ئىنسانلار ئورتاق قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئىززىتى ۋە ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق، سىغدۇرۇشچان دۇنيا ئىنسانىي ھوقۇق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، دۇنيانىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى دەل ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش، ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزلەشنى كۈرەش نىشانى قىلىپ كەلدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلغا يېقىن ۋاقىت، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى بىر نۇقتىغا يىغىنچاقلىغاندا، دەل يۈز مىليونلىغان جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن- كۈنگە ياخشىلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دەۋر تەرەققىي قىلماقتا، ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى ئالغا باسماقتا. جۇڭگو ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپلىرىنى ھازىرقى زامان ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىنسانىي ھوقۇق ئىدىيەسىنى يولغا قويۇپ، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىنى ئەڭ مۇھىم بولغان ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇق دەپ بىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىقتىساد، سىياسەت، جەمئىيەت، مەدىنىيەت، مۇھىت ھوقۇق- مەنپەئەتىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى تىرىشىپ قوغداپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئېلىمىزنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق تەتقىقات خىزمەتچىلىرى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ھەققانىيلىقنى قوغداپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى بېيىتىش، دۇنيا ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر