باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇ چۈنخۇا يېزا ئىسلاھاتىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

2018.12.11 17:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېزا ئىسلاھاتىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنى 10-چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 40 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يېزا ئىسلاھاتىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، قىممەتلىك تەجرىبىلەر توپلاندى. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق شەھەر-يېزا يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدىغان يېڭى دەۋردە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر بىلەن، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇش كېرەك.

  خۇ چۈنخۇا مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋر يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەلىپى تېخىمۇ جىددىي، ۋەزىپىسى تېخىمۇ مۈشكۈل، ئىدىيەدە تېخىمۇ ئازاد بولۇپ، سالماقنى زورايتىپ، پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش لازىم. دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ۋە ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، كىچىك دېھقان ئائىلىلىرىگە يۈزلەنگەن ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، قوش قاتلاملىق ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىگە يېڭى مەزمۇن قوشۇپ، يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆددە يېرىنىڭ «ئۈچ ھوقۇق»ىنى ئايرىش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېزىلارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىك لازىم. يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تۈزۈم مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش لازىم. ھەر قايسى جايلارنىڭ ئەھۋالى پەرقلىنىدىغان بولۇپ، يېزا ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىنىڭ ئىجادكارلىق روھىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھات قەدىمىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر