باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شىنجاڭدا يەرلىكتىكى رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش بېتىدە خەت قالدۇرغان تور ئەھلى ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، ئىش ھەققىنى ئالدى

2018.12.11 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان كىچىك ئىش يوق، پۇقرالارنىڭ «مەنپەئەتى»گە مۇناسىۋەتلىك ئىشلا بولسا، ھەممىسى چوڭ ئىش.

  11-ئاينىڭ 19-كۈنى، جاڭ فامىلىلىك تور ئەھلى ئۈچۈن ئېيتقاندا ناھايىتى خۇشاللىنارلىق بىر كۈن بولدى، ئۇ خەلق تورىنىڭ «يەرلىكتىكى باشلىقلارغا سۆز قالدۇرۇش بېتى» ئارقىلىق، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ساقلاپ ئالالمىغان ئىش ھەققىنى ئالدى. ئۇ، بۇ پۇلنى خەت قالدۇرۇپ ئېلىشقىچە پەقەتلا ئۈچ كۈن ۋاقىت كېتىشىنى پەقەتلا ئويلىمىغان ئىدى.

  مەن 2017-يىلى قۇتۇبى ناھىيەلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپتە قۇرۇلۇش قىلغان بىر ئىشچى، غوجايىن ھازىرغىچە ئىش ھەققىمنى بەرمەي، بۇلتۇر ئىشنى تۈگەتكەندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل كەينىگە سۆرەپ كەلدى، مېنىڭ پەقەت ئامالىم قالمىدى. كۈنمۇ سوۋۇپ كەتتى، مەنمۇ ئۆيگە قايتىشقا ئالدىراۋاتىمەن، لېكىن غوجايىننىڭ قارىسىنىمۇ كۆرگىلى بولمىدى. رەھبەرنىڭ ماڭا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن ئۈچۈن ئىش ھەققىمنى ئېلىپ بەرسەڭلار». 11-ئاينىڭ 16-كۈنى جاڭ فامىلىلىك كىشى خەلق تورىدا قۇتۇبى ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسىغا قالدۇرغان خېتىدە شۇنداق دەپ يازدى.

  ئۈچ كۈندىن كېيىن، جاڭ فامىلىلىك خەلق تورىنىڭ «يەرلىكتىكى رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش بېتى»دە يەنە خەت قالدۇرۇپ، مۇنداق دەپ يازدى: «2018-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى مەن خەت قالدۇرۇپ ئىنكاس قىلغان ئىش ھەققىنى بەرمەسلىك مەسىلىسى ھەل بولدى، ئىش ھەققىمنىڭ ھەممىنى ئالدىم، بۇ يەردە باشلىققا رەھمەت ئېيتىمەن.»

  مۇخبىر «يەرلىكتىكى رەھبەرلەرگە خەت قالدۇرۇش بېتى»گە چىقىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىغا ياردەملىشىپ، ئىش ھەققىنى ئېلىپ بەرگەنلىك مىسالىنىڭ ھەقىقەتەن ئاز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى. «ھۆكۈمەت باشتىن-ئاخىر ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا كۆز-قۇلاق بولىدۇ»، «قەرز قىلىنغان ئىش ھەققىنىڭ ھەممىسى بېرىلدى»... خەت قالدۇرۇش بېتىدە، ھۆكۈمەت قايتۇرغان ئىنكاس سۆزلىرى پۇقرالارنى خاتىرجەم قىلماقتا ئىدى. تور ئەھلى قالدۇرغان «ئالالمىغان ئىش ھەققىمنى ئالدىم»، «ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنى ئويلىغانلىقىغا، خەلقنىڭ غېمىنى يېگەنلىكىگە رەھمەت»، قاتارلىق رازى بولغانلىق ئىنكاس سۆزلىرى خەلقنىڭ خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىپ بېرىۋاتقان بۇ سۇپىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇراتتى.

  شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى رەھبەرلەرگە سۆزىڭىز بارمۇ؟ بۇ يەرگە كېلىپ ئىنكاس قىلسىڭىز بولىدۇ.

  http://liuyan.people.com.cn/forum/list?fid=45

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر