شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك 2- خەلق دوختۇرخانىسىدا، شاڭخەيدىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن دوختۇر جاڭ جۈنۋېن (سولدا) بىمارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرمەكتە (23-نويابىر تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۈرەك تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە كەسپىي كىلىنىكىلىق داۋالاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جاڭ جۈنۋېن بۇ يىل 37 ياشقا كىردى، ئۇ شاڭخەي قاتناش ئونىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتى قارىمىقىدىكى شىنخۇا دوختۇرخانىسىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ بوۋاقلار، چوڭلاردىكى ھەر خىل تۇغما خاراكتېردىكى يۈرەك ئوپېراتسىيەلىرى ۋە مىكرو زەخىملىك داۋالاش قاتارلىقلارغا ماھىر. بۇ يىل 8- ئايدا، ئۇ شاڭخەينىڭ 9-تۈركۈمدىكى 2- نۆۋەتلىك «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى بىلەن بىرگە شىنجاڭ قەشقەرگە كېلىپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك 2- خەلق دوختۇرخانىسىدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش دوختۇرى بولۇپ قالدى.
قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، جاڭ ۋېنجۈن دوختۇرخانىدا شۇ جايدىكى دوختۇرلارنى يېتەكلەپ 40 نەچچە قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىپ، بىمارلارنىڭ ئاغرىق ئازابىنى تۈگەتتى. كۈندىلىك داۋالاش خىزمىتىنى ئورۇندىغاندىن سىرت، ئۇ يەنە ياش ئۈچ دوختۇرنى تەربىيەلەپ، دوختۇرخانىنىڭ ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلدى.
جاڭ ۋېنجۈن بىلەن بىللە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەنلەردىن يەنە 19 دوختۇر بار بولۇپ، ھەممىسى قەشقەر ۋىلايەتلىك 2-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ھەرقايسى بۆلۈملىرىدە خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلار بىمارلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان بىرىنچى سەپتىكى مۇتەخەسسىسلەر بولۇپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى دوختۇرلارغا ئالدىنقى قاتاردىكى داۋالاش ئىدىيەسى ۋە تېخنىكىلىرىنى ئۆگىتىپ، داۋالاش تايانچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالدى.
2000-يىلى شىنجاڭغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، شاڭخەي شەھىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 100 نەچچە دوختۇرنى شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىگە ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىپ، ئۆز ئۈستۈنلۈكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، قەشقەر بىلەن سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىدىن ھەمبەھىرلىنىپ، شۇ جايدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نۇرغۇن بىمارغا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى