خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 4-كۈنى، بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېلدا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىيو ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.
شۇ كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىيو بىريۇسسېلدا، ئەگەر رۇسىيە «ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»نى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرمىسە، ئامېرىكا 60 كۈندىن كېيىن بۇ شەرتنامىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى