باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شيامېن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى جېڭ دۇڭچياڭ دۆلەتكە قايتىپ كېلىپ ساقچىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلدى

2018.12.06 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ئاينىڭ 5- كۈنى، مەركەزنىڭ چىرىكلىككە قارىشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى خەلقئارادا قوغلاپ تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، ھەمدە فۇجيەن ئۆلكىلىك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ۋە شيامېن شەھەرلىك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت بىلەن چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن جىنايەت گۇماندارى ۋە شيامىن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى جېڭ دۇڭچياڭ دۆلەتكە قايتىپ كېلىپ ساقچىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلدى. جېڭ دۇڭچياڭ، ئەر، 1953- يىلى 9- ئايدا تۇغۇلغان، شيامېن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، سابىق مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ، ئۇ پارا يېيىش جىنايىتىگە چېتىشلىق. 2016- يىلى 1- ئايدا چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن .

  بۇ جىنايەت گۇماندارى بولسا، مەركەز قوغلاپ تۇتۇش ئىشخانىسى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ۋە ئىقتىسادىي جىنايەتكە چېتىشلىق بولۇپ سىرتقا قېچىپ كەتكەن 50 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئالاقىدار يىپ ئۇچلىرىنى سىرتقا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، قولغا چۈشۈرۈلۈپ دېلو تىكلەنگەن 4- كىشى ھېسابلىنىدۇ. مەركىزىي قوغلاپ تۇتۇش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قېچىپ يۈرگەنلەرنى تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىش ۋە ئاخىرىغىچە سۈرۈشتۈرۈش بىلەن بىرگە، چەتئەلدە قېچىپ يۈرگەن چىرىك ئۇنسۇرلارغا يەنە مۇنۇلارنى كەسكىنلىك بىلەن ئېيتىپ قويۇشىمىز كېرەككى، ئۇلار خام خىيالنى ئۈزۈل-كېسىل تاشلاپ، «ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت دېلوسىغا چېتىشلىق بولۇپ چېگرا سىرتىدا قېچىپ يۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ساقچىغا مەلۇم قىلىشقا دەۋەت قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇددىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تېزدىن ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر