سۈرەتتە: 12-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭ گېئورگې ھېربېرت ۋالكېر بۇشنىڭ جەسىتى پارلامېنت بىناسىدىن ئايرىلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى گېئورگې ھېربېرت ۋالكېر بۇش (چوڭ بۇش)نىڭ دەپنە مۇراسىمى 5-دېكابىر ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلدى.
شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا كىشىلەرنىڭ ئېھتىرام بىلدۈرۈشى ئۈچۈن توختىتىپ قويۇلغان چوڭ بۇشنىڭ جەسىتى ۋاشىنگتون شەھەر رايونىغا جايلاشقان دۆلەت چوڭ چېركاۋىغا ئاپىرىلدى. چوڭ بۇش ئامېرىكىنىڭ 41- نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولۇپ، دۆلەت چوڭ چېركاۋىدا 41 قېتىم داڭ ئۇرۇلۇپ، ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كات، سابىق زۇڭتۇڭ كىلىنتون، سابىق زۇڭتۇڭ ئوباما ۋە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل، ئەنگلىيە ۋەلىئەھدى چارلىز قاتارلىق نەچچە مىڭ كىشى مۇراسىمغا قاتناشتى.
چوڭ بۇشنىڭ چوڭ ئوغلى، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى گېئورگې ۋالكېر بۇش (كىچىك بۇش) تەزىيە سۆزىدە چوڭ بۇشنىڭ تەلىمىنى ۋە ھاياتىدىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى ئەسلەپ، چوڭ بۇشنى بىر «ياخشى دادا، ياخشى زۇڭتۇڭ»، دېدى. سۆزى ئاخىرلىشىش ئالدىدا، كىچىك بۇش قاتتىق ئۆكسۈپ، كۆزىگە ياش ئالدى.
دۆلەت دەپنە مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، چوڭ بۇشنىڭ جەسىتى ئايروپىلاندا تېكساس ئىشتاتىنىڭ خيۇستون شەھىرىگە قايتۇرۇلدى. چوڭ بۇشنىڭ جەسىتى تېكساس يېزا ئىگىلىكى ۋە ماشىنىلاشتۇرۇش ئۇنىۋېرسىتېتى ئىچىدىكى گېئورگې بۇش زۇڭتۇڭ كۇتۇپخانىسى كەينىگە قويۇلۇپ، ئۇنىڭ خانىمى باربارا بۇش بىكەن بىللە دەپنە قىلىنىدۇ.
چوڭ بۇش 30-نويابىر كەچتە خيۇستوندا 94 يېشىدا ۋاپات بولدى. چوڭ بۇشنىڭ جەسىتى 3-دېكابىر خيۇستوندىن ۋاشىنگتونغا ئېلىپ كېلىنىپ، پارلامېنت بىناسىدا توختىتىپ قويۇلغان ئىدى.
ترامپ چوڭ بۇش ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاقساراي، جامائەت سورۇنلىرى، ھەربىي ئەسلىھە قاتارلىق جايلارنىڭ 30 كۈن بايراقنى يېرىم چۈشۈرۈشىنى بۇيرۇدى ھەمدە 12-ئاينىڭ 5-كۈنىنى دۆلەت تەزىيە كۈنى، دەپ جاكارلىدى.
چوڭ بۇش 1924-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسېتس ئىشتاتىدا تۇغۇلغان، 1989-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە ئامېرىكىنىڭ 41- نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولغان. ئۇ يەنە 1974-يىلى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئالاقە باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى بولغان. ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى كىچىك بۇش ئامېرىكىنىڭ 43-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى