خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ لوپنۇر ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقى، تارىم دەرياسى، ياۋا توغراقلىقتىن ئىبارەت ئۈچ ئامىل ئاساسىي تېما قىلىنغان ساياھەت ئۆتىڭى بولۇپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ناھىيە دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولغان لوپنۇرلۇقلار كەنتى، داشى كەنتى، لوپنۇر كۆلى، قومۇشزارلىق قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقتى. قاتناش تورىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش، يول چىراغلىرىنى ئۆزگەرتىپ ياساش، كوچا بويىدىكى ئاساسلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ يورۇتۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى تېزلىتىپ، ناھىيە بازىرىنىڭ يورۇقلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش، گۈزەللەشتۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 2018-يىلى لوپنۇر ناھىيەسى 60 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالغان «كۆمۈرنى توكقا ئايلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى كۆمۈر قالاپ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى توك ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشكە تولۇق ئۆزگەرتكەن ناھىيە بولۇپ قالدى. ھازىر، لوپنۇر ناھىيەسى ھاۋاسى ساپ، كوچىلىرى پاكىز، قۇرۇلۇشى چىرايلىق، ئېكولوگىيەسى تۇرۇشقا ماس كېلىدىغان يېڭى شەھەرگە ئايلاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى