خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پاناما شەھىرىدە پاناما زۇڭتۇڭى ۋارېلا بىلەن بىرلىكتە پاناما قانىلىنىڭ يېڭى كېمە تاقىقىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
شى جىنپىڭ ۋە خانىمى پېڭ لىيۈەن يېڭى كېمە تاقىقىغا يېتىپ بارغاندا، زۇڭتۇڭ ۋارېلا ۋە خانىمى كاستىلو ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا ئۇلارنى كۈتۈۋالدى.
شى جىنپىڭ «ئەتىرگۈل» ناملىق پاراخوتنىڭ باشلىقى بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆزلىشىپ، پاراخوتتىكى خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ئىگىلەپ، بارلىق پاراخوت خادىملىرىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: پاناما قانىلىدا تۇرۇپ «ئەتىرگۈل» پاراخوتى باشلىقى ۋە ماتروسلار بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. سىلەرنىڭ پاناما قانىلىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەشيا ئوبوروتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، دۆلەتلىك سۇ تىرانسپورت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يەرشارى سودىسىنىڭ گۈللىنىشىگە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن سىرتتىكى، يىراقتىكى ماتروسلارغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈمەن، كۆپچىلىكنىڭ خىزمەت-تۇرمۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى، خۇشال-خۇرام يولغا چىقىپ، ئامان - ئېسەن ئۆيىگە قايتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كۆپچىلىككە ئاق يول تىلەيمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى