باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ قازاقىستانغا ياردەم بېرىپ قۇرۇپ بەرگەن ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى

2018.12.05 16:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ياردەم بەرگەن، جۇڭشىن قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى كۆتۈرە ئالغان 1 مېگاۋاتلىق قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە 5 مېگاۋاتلىق شامال ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى قازاقىستاننىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر ئالمۇتىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ تۈر جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ تىرىلمە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش، قازاقىستاندا پاكىز ئېنېرگىيەنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشتە ئىجابىي رول ئوينايدۇ، بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى بىلەن قازاقىستاننىڭ نۇر يولى يېڭى ئىقتىسادى سىياسىتىنىڭ چوڭقۇر جىپسىلىشىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق تۈرلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويۇلۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي نەپ ئېلىپ كەلدى.

  2017-يىلى 9-ئايدا جۇڭگو قازاقىستان ھۆكۈمەتلىرى قازاقىستاننى 1 مېگاۋاتلىق قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە 5 مېگاۋاتلىق شامال ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق توك تارقىتىش ئەسلىھەسى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش تۈرىنى رەسمىي يولغا قويۇشنى بېكىتتى، بۇنىڭ ئىچىدە قۇياش ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق توك تارقىتىش ئىستانسىسى ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئالاتاۋ يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكا باغچە رايونىغا جايلاشقان، شامال ئېلېكتىرى ئارقىلىق توك تارقىتىش ئىستانسىسى ئالمۇتا ئوبلاستىدىكى ماساق يېزا ئىگىلىك رايونىغا جايلاشقان. خېرىدار چاقىرىش ئارقىلىق جۇڭشىن قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بۇ تۈرنى ھۆددىگە ئېلىپ قۇرغۇچى تەرەپ بولدى شۇنداقلا 2017-يىلى 12-ئايدا رەسمىي قۇرۇلۇش باشلاپ، بۇ يىل 11-ئايدا مۇددەتتىن بۇرۇن پۈتتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈردى.

  جۇڭشىن قۇرۇلۇشى شەرقىي ياۋروپا ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسى ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى لى جيەنخۇي مۇراسىمدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسى ھەمكارلىقىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى، جۇڭشىن قۇرۇلۇش شىركىتى بىربەلباغ بىر يول تەشەببۇسىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، قازاقىستان نۇر يولى يېڭى ئىقتىسادى سىياسىتى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، يەرلىكتە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ نۇرغۇن چوڭ تۈرلەرنى ھۆددىگە ئالدى، قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە شامال ئېنېرگىيەسى تۈرىنى ھۆددىگە ئېلىپ قۇرۇش جەريانىدا قۇرۇلۇش قىلغۇچى خادىملار كىلىمات ناچار بولۇش، قۇرۇلۇش مۇددىتى قىسقا بولۇش، يەرلىك تېخنىكا خادىملىرى كەمچىل بولۇش قاتارلىق ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قۇرۇلۇشنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاپ، تۈر خوجايىنى ۋە جۇڭگو تەشكىللىگەن ئىقتىدارىنى باھالاش ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى.

  تۈر مەسئۇلى ئەن شياۋدوڭ كارخانىنىڭ يەرلىكتىكى تەرەققىيات پىلانى ھەققىدە توختالغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەلگۈسىدە بىز قازاقىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قۇرغاق، قۇياش نۇرى تولۇق چۈشىدىغان رايونلاردا دېھقانچىلىق پارنىكى ۋە يورۇقلۇق ۋولت تۈرى ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىنى سىناق قىلىپ قۇرۇپ، بۇنىڭغا تېمىتىپ سۇغۇرۇش تېخنىكىسىنى سەپلەپ، يېشىل يېزا ئىگىلىكى ۋە پاكىز ئېنېرگىيەنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادى ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز.

  پاكىز ئېنېرگىيە ئېچىش ۋە ئىشلىتىش قازاقىستاننىڭ تەرەققىيات ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، قازاقىستان سامرۇق ئېنېرگىيە پاي شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جولامانوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قازاقىستان ھۆكۈمىتى تىرىلمە ئېنېرگىيە ئىشلىتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، 2030-يىلى تىرىلمە ئېنېرگىيەنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %30 گە يەتكۈزۈش نىشانىنى بېكىتتى، جۇڭگونىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن قۇرۇلغان شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى تۈرى قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ تىرىلمە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش ۋە يەرلىكتە تىرىلمە ئېنېرگىيەنى كېڭەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ياش قازاق يىگىت جۇمابېك ئىككى ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ توپا ياغاچ قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئالغۇچى سودىگەر، ئۇ ئۆتكەن 11 ئايدىكى كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ ناھايىتى خۇشال ھالدا: ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرى قۇرۇلۇشىدىن خېلى نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم دېدى.

  جۇبابېك مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى توپا ياغاچ قۇرۇلۇشىدا قۇرۇلۇش تەرتىپى بويىچە ماتېرىيال تاللايتتۇق، بىرتۇتاش پىلانلاش دېگەنلەرنى بىلمەيتتۇق، بۇ قۇرۇلۇش سۈرئىتى ئاستا بولۇش، ماتېرىيال ئېغىر دەرىجىدە ئىسراپ بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى، ھازىر جۇڭگولۇق تېخنىكلارغا ئەگىشىپ، خەرىتە بويىچە ئىش قىلىشنى، قۇرۇلۇش تەرتىپىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى شۇنداقلا قۇرۇلۇشقا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى ئىلمىي ھېسابلاشنى ئۆگىنىۋالدۇق.

  ھازىر جۇمابېك ئۆز ئەترىتىنى باشلاپ قاپشاغايدا 50 مېگاۋاتلىق يەنە بىر يورۇقلۇق ۋولت تۈرىنى قۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ پەخىرلەنگەن ھالدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىر كۈندە دېگۈدەك تېخنىكا مەسىلىسى ھەققىدە مەسلىھەت سوراپ ياكى مەن بىلەن قۇرۇلۇش توختىمى ئىمزالاشنى ئۈمىد قىلىپ ماڭا تېلېفون قىلىۋاتقانلار كۆپ، بىزنىڭ ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ بۇنچە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشىمىز پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە شامال ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرىگە قاتناشقاندىكى ئاشۇ قىممەتلىك تەجرىبىلەرنىڭ پايدىسىدىن بولدى، جۇڭگولۇق ئۇستاملارغا رەھمەت.

  ئېرلىك ئىككى ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش دىرېكتورى، ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بارلىق تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى، قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش جەريانىدىكى ھەر بىر تەپسىلاتلارنى بىز ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن تىرىشىپ ئىشلىدۇق، تۈر ئەڭ ئاخىرى مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئەلا دەرىجىلىك قۇرۇلۇش بولۇپ باھالىنىپ، ئەمەلىي نەتىجىگە چۇشلۇق نامغا ئېرىشتى.

  ئېرلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن نۇرغۇن قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە قاتناشتىم، جۇڭگولۇق قۇرۇلۇشچىلارنىڭ قۇرۇلۇش قىلىش سەۋىيەسى كىشىنى قايىل قىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر