خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 5-كۈنى، مېھمانلار دېڭىز بوغۇزى پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىنىڭ «تەيۋەن مەبلىغى بۆلىكى»گە ئورۇنلاشقان تۇنجى تۈركۈمدىكى كارخانىلارغا ۋىۋىسكا ئېسىپ جاڭ ئۇردى.
شۇ كۈنى، دېڭىز بوغۇزى پاي ھوقۇقى سودا مەركىزى «تەيۋەن مەبلىغى بۆلىكى»گە ئورۇنلاشقان تۇنجى تۈركۈمدىكى تەيۋەن مەبلىغىدىكى كارخانىلارغا ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. دېڭىز بوغۇزى پاي ھوقۇقى سودا مەركىزى بولسا جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى، فۇجيەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن تەسىس قىلىنغان رايون خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى سودا بازىرى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى