شۇ جاي ۋاقتى 5- دېكابىر، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لىسبوندا پورتۇگالىيە زۇڭلىسى كوستا بىلەن كۆرۈشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: زۇڭلى ئەپەندى ئىككى يىل ئىلگىرى جۇڭگونى رەسمىي زىيارەت قىلغاندىن بۇيان، بىز ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشلارنى ئۈزلۈكسىز تۈردە كونكرېت ھەمكارلىق نەتىجىلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيە ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ ياخشى ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈردۇق. ھازىر جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە قەدەم قويدى، ھەمدە يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ پورتۇگالىيە بىلەن بىللە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى