خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 4- چېسلا چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەينىڭ زىگۇاڭ زالىدا تۈركىيە بۈيۈك مىللىي پارلامېنتىنىڭ باشلىقى يىلدىرىم بىلەن كۆرۈشتى
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن تۈركىيە يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەت بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەت بىر-بىرى بىلەن ئۆزئارا ھەمكارلاشقۇچى مۇھىم شېرىكلەر ھېسابلىنىدۇ. يېقىندا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ئەردوغان بىلەن مۇۋەپپىقىيەتلىك كۆرۈشتى. جۇڭگو تەرەپ تۈركىيە بىلەن بىر-بىرىنى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە باراۋەر ھەمكارلىشىش ئاساسىدا، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىغا داۋاملىق ھۆرمەت قىلىشىپ، پارلامېنتلار ئالاقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدىكى ھەر قايسى ساھە ۋە ھەر قايسى قاتلاملاردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەلرايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو-تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل ۋە ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-تۈركىيە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور. جۇڭگو تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى تۈركىيەنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن تېخىمۇ ياخشى جىپسىلاشتۇرۇپ، ئۆز ئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت سودىسىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا يېڭى تەرەققىياتلارنىڭ بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى رېئاللاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
يىلدىرىم مۇنداق دېدى: تۈركىيە بىلەن جۇڭگو ئاسىيانىڭ ئىككى ئۇچىغا جايلاشقان دۆلەتلەردۇر، ھەمدە ئۇلار ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم شېرىكلەر ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، ھەمدە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى