خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 4- دېكابىر، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭى دې سوسا بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىردەك ھالدا، جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ، جۇڭگو ۋە پورتۇگالىيەنىڭ دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى سەھىپىلەرنىڭ ئېچىلىشىغا قوشۇلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو ۋە پورتۇگالىيەنىڭ دوستلۇق ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى دۆلەت دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 39 يىلدىن بۇيان، ئىزچىل تۈردە بىر-بىرىنى چۈشىنىشىپ ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشىپ كەلدى، ھەمدە بىر-بىرىگە ئۆزئارا ئىشىنىپ، بىر-بىرىگە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشۈپ ۋە ھەمكارلىشىپ كەلدى، نەتىجىدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى خەلقئارا ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ، ئىزچىل تۈردە ساغلام ۋە مۇقىم تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيە ياخشى دوست ۋە ياخشى ھەمراھلاردىندۇر. جۇڭگو يەنە پورتۇگالىيەنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، ھەمدە پورتۇگالىيە تەرەپ بىلەن بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىدە ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر-بىرىنى چۈشىنىشنى ۋە بىر-بىرىنى قوللاشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ چوقۇم يۇقىرى قاتلامدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىلەرنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ئارا، ھەمدە پارتىيە، يەرلىك ۋە ئەلئارا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىدا ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملىشىمىز لازىم. ئىككى تەرەپ جۇڭگو ۋە پورتۇگالىيە ھۆكۈمەتلىرى ئارا بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى قۇرۇلۇشىدىكى ھەمكارلىق چۈشىنىش ئەسلەتمىسىنى ئىمزالاشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدە ئۆزئارا ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بىرلىشىش ۋە ئالاقىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم. ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ھازىرقى تۈرلەرنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ سودا ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئېشىش نۇقتىسىنى يارىتىشىمىز لازىم. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، لىسبوندا جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇشنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، تەلىم-تەربىيە، رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشىمىز لازىم. ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق زور مەسىلىلەر ئۈستىدە ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى زىچلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ۋە ئەركىن بولغان سودىنى ئورتاق قوغدىشىمىز لازىم.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى