12 – ئاينىڭ 3 – كۈنى، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ 1 – قارارلىق قۇرۇلۇشى پۈتتى ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. شۇ كۈنى، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى(ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ 1 – قارارلىق قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، ئىتالىيەنىڭ ناپلېسقا بارىدىغان جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يولغا چىقتى. مۇخبىرىمىز شيې لۇڭ فوتوسى
مۇخبىرىمىز لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 12 – ئاينىڭ 3 – كۈنى، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ 1 – قارارلىق قۇرۇلۇشى پۈتتى ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنى گۇرۇپپىلاش مەشغۇلات ۋاقتى ئەسلىدىكى 24 سائەتتىن ئالتە سائەتكە قىسقىراپ، ئۈنۈمى تۆت ھەسسە ئۆستۈرۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇش تۈرىگە تەخمىنەن 840 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئاساسلىقى تۆمۈريول مەشغۇلات رايونى (كونتېينېرلىق نۆۋەتچى پويىز مەشغۇلات رايونى، تولۇق ۋاگونلۇق نۆۋەتچى پويىز مەشغۇلات رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، نۆۋەتچى پويىز يىغىلىپ يولغا چىقىش رايونى قاتارلىق فۇنكسىيەلىك رايونلاردىن تەشكىل تاپقان. بۇ تۈردە بۇ يىل 8 – ئايدا ئىش باشلانغان بولۇپ، جىددىي قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق 1 – قارارلىق قۇرۇلۇش پۈتكەن، كېلەر يىلى 8 – ئايدا تۈرنىڭ قالغان قۇرۇلۇشى پۈتتۈرۈلىدىكەن. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىغىلىش مەركىزىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى تولۇق تاماملانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى تۈگۈنىنىڭ خەلقئارا نۆۋەتچى پويىزلىرىنى يىغىش، شىنجاڭ ئىچى – سىرتىدىكى يۈك مەنبەلىرىنى بىرىكتۈرۈش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ يول ئىقتىسادىدىن رايون تۈگۈن ئەشيا ئوبوروت مەركىزىگە ئايلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.
‹‹ئەسلىدىكى مەيداننىڭ قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلار جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىش تەلىپىنى قاندۇرالمايدۇ››. شىنجاڭ شىنتيې خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى نەن جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن پويىز توختاش مەيدانىغا كىرىپ، گۇرۇپپىلىنىشنى كۈتەتتى، ئاندىن گۇرۇپپىلاش مەيدانىغا كىرىپ گۇرۇپپىلىناتتى، ئەڭ ئاخىرىدا يولغا چىقىش رايونىدىن يولغا چىقاتتى، مەشغۇلاتنىڭ پۈتۈن جەريانىغا 24 سائەت كېتەتتى. كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ 1 – قارارلىق قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يېڭى مەيداندا نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ بىۋاسىتە كىرىش، بىۋاسىتە چىقىش شارائىتى ھازىرلىنىپ، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ مەشغۇلات ۋاقتى ئالتە سائەتكە قىسقاردى. بۇنىڭدىن باشقا، يېڭى مەيدان تېخىمۇ كۆپ نۆۋەتچى پويىزنى سىغدۇرالايدىغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن نۆۋەتچى پويىزنىڭ مۇشۇ جايدا يىغىلىش ئېھتىياجىنى تامامەن قاندۇرالايدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، 2016 – يىلى 5 – ئاينىڭ 26 – كۈنى يىغىلىش مەركىزى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 1700دىن كۆپرەك پويىز قېتىم قاتنىغان، لىنىيە 19غا كۆپەيگەن بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى 17 دۆلەتتىكى 24 شەھەرگە تۇتىشىپ، كۆپ نۇقتىدىن يولغا چىقىش، كۆپ جايدىن ئۆتۈش، كۆپ نۇقتىغا يېتىپ بېرىشتەك جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى تىرانسپورت يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن.