باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پاناما زۇڭتۇڭى ۋارېلا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2018.12.04 14:05   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ پاناما زۇڭتۇڭى ۋارېلا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 3-دېكابىر، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پاناما زۇڭتۇڭى ۋارېلا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو-پاناما دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتى ۋە ھەمكارلىق نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-پاناما دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بىر يېرىم يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-پاناما مۇناسىۋىتى كۈچلۈك باشلاندى، مەن زۇڭتۇڭ ۋارېلا بىلەن ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشتۇق، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش يېتەكچى قىلىنىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقى تېز تەرەققىي قىلىپ، نەتىجىلەر كۆرۈنەرلىك بولدى. پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدى ھەم داۋاملىق ئىسپاتلايدۇكى، جۇڭگو بىلەن پانامانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى تامامەن توغرا بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ. خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو-پاناما دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگونىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس دىپلوماتىيە فاڭجېنى بولۇپ قالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ پاناما ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، خەلقئارا تەسىر كۈچىنى ئۆستۈرۈش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، پانامانىڭ رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى قوللايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·2019- يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىندى 
    ·«مائارىپتىكى مۇددەتكە بۆلۈش» قەرز پۇلى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ يوشۇرۇن قائىدىسى بولۇپ قالماقتا
    ·2019-يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر سانىنىڭ 8 مىليون 340 مىڭغا يېتىش…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى يەسلىلەر ھەمدە خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئومۇم مەنپەئەتلىنى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىر…
    ·شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ 2019- يىللىق ياردەم پۇلى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلدى 
    ·بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى بىللە كىتاب ئوقۇپ بېرىش تولىمۇ مۇھىم
    ·جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يەسلى مائارىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر قېلىپل…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى باشقۇرۇش جەھەتتە «كەڭ قويۇۋېتىش، بوشىشىش، يۇمشاق قول ب…
    ·چىڭخەيدە «ئائىلە، مەكتەپ تور ئالاقە سۇپىسىدا‹بەشنى قىلىش، بەشنى قىلماسلىق> نى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»…