باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا گېرمانىيەنى قارا دېڭىزغا ئەسكەر چىقىرىشقا ئۈندىدى

2018.12.04 09:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكەن ھەپتە قارا دېڭىز توقۇنۇشى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشىنكو 12-ئاينىڭ 2-كۈنى گېرمانىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى قارا دېڭىز ساھىلىغا دېڭىز ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىپ رۇسىيەنى توسۇشقا ئۈندىدى.

  پوروشىنكو 12-ئاينىڭ 2-كۈنى گېرمانىيە گېزىت ۋە ژۇرنال نەشرىيات شىركىتى فېڭك تاراتقۇ گۇرۇھىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ئۆتكەن ھەپتە توقۇنۇشقاندىن كېيىن، رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىغا مەقسەتلىك ھالدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كىردى، رۇسىيەنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ۋە قۇرال جابدۇقلىرى ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەنىڭ چېگراسىغا يىغىلدى. بىز رۇسىيەنىڭ ھۇجۇم خاراكتېرىلىك ھەرىكىتىگە كۈچلۈك، بىرلىككە كەلگەن ھەمدە ئېنىق ئىنكاس قايتۇرىمىز دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر