باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ ئالتە يىللىقى: 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي جازا بېرىلدى

2018.12.04 14:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ 3-دېكابىردىكى ئۇچۇرىغا قارىغاندا، سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە يولغا قويۇلغان ئالتە يىلدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 206 مىڭ 428 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي جازا بېرىلگەن.

  2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، «ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش توغرىسىدىكى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. ئالتە يىلدىن بۇيان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇشنى مىخ قېقىش روھى بىلەن ياخشى قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىنى بىر مىنۇتمۇ توختاتماي ئىلگىرى سۈردى. 2018-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان جەمئىي 254 مىڭ 808 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 349 مىڭ 552 كىشى بىر تەرەپ قىلىندى، 206 مىڭ 428 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي جازا بېرىلدى.

  مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىچىدە، ئۆلكە- مىنىستىرلىق دەرىجىلىك كادىردىن 25 كىشى، ۋىلايەت-نازارەت دەرىجىلىك كادىردىن 3374 كىشى، ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىك كادىردىن 28 مىڭ 532 كىشى، يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىك كادىردىن 317 مىڭ 621 كىشى بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر