باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئىراننى تەنقىدلىشى رەددىيەگە ئۇچرىدى

2018.12.04 09:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مايىك پومپىئو 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراننى يېقىندا بىر ئوتتۇرا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىپ قويۇپ بېرىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارىغا خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىدى. ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۈرى مۇداپىئە خاراكتېرىگە تەۋە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارىغا خىلاپلىق قىلغىنى يوق دېدى.

  پومپىئو تىۋىتتىردا، ئىران ئەمدىلا نەچچە ئوق بېشىنى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان بىر ئوتتۇرا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىپ قويۇپ بېرىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2231-نومۇرلۇق قارارىغا خىلاپلىق قىلدى، بىز بۇ قىلمىشنى ئەيىبلەيمىز دېدى.

  ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاگېنتلىقىنىڭ 12-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بەھرام قاسىمى ئامېرىكىنىڭ ئەيىبلىشىنى ئىنكار قىلىپ، ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۈرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارىغا خىلاپ ئەمەس دېگەن. بىراق، قاسىمى باياناتىدا، ئىراننىڭ يېقىندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىپ قويۇپ بەرگەنلىكىنى ھەم ئېتىراپ قىلمىغان ھەم ئىنكار قىلمىغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر