باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقى كىم جوڭئۇننىڭ بۇ يىل ئىچىدە كورېيەنى زىيارەت قىلىشى مۇمكىن ھەم زۆرۈر، دېدى

2018.12.04 14:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقى 3-دېكابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەن دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جوڭئۇن بۇ يىل ئىچىدە كورېيەگە زىيارەتكە كېلىشى مۇمكىن ھەمدە زۆرۈر، كورېيە تەرەپنىڭ بۇ مەيدانى ئۆزگەرگىنى يوق.

  كورېيە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بەي تەيشۈەن شۇ كۈندىكى دائىملىق مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، يۇقىرىقىدەك ئىپادە بىلدۈردى. ئۇ يەنە: كورېيە تەرەپ داۋاملىق تىرىشىپ، جەنۇب بىلەن شىمال ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنامىدىكى ئىشلارنى ئوڭۇشلۇق ئادا قىلىش ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىدۇ، دېدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا كورېيە زوڭتۇڭ مەھكىمىسى كۆكساراينىڭ ئىلگىرىكى ئېلان قىلغان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، كورېيە زۇڭتۇڭى مون جىئىن 1-چېسلا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كىم جوڭئۇننىڭ بۇ يىل ئىچىدە سىئۇلدا زىيارەتتە بولۇش ئېھتىماللىقى ئېنىق، بۇ يىل ئىچىدە زىيارەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش- ئاشۇرماسلىق كىم جوڭئۇننىڭ قارارىغا باغلىق.

  ئۇ ۋە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ كىم جوڭئۇننىڭ سىئۇلدا زىيارەتتە بولۇشى چاۋشيەن-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى يادروسىزلاشتۇرۇش سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

  9-ئاينىڭ 19-كۈنى، كىم جوڭئۇن بىلەن مون جىئىن چاۋشيەن پايتەختى پيۇڭياڭدا «9-ئايدىكى پيوڭياڭ ئورتاق خىتابنامىسى»نى ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپنىڭ يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى بالدۇرراق ئىلگىرى سۈرۈش، شىمال-جەنۇب ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، تىرىشىپ چاۋشيەن يىرىم ئارىلىنى مەڭگۈلۈك تىنچلىق بەلبېغى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش قاتارلىقلاردا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان ئىدى. كىم جوڭئۇن ئۆزىنىڭ ئۇزۇن ئۆتمەي سىئۇلدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 9-ئاينىڭ 20-كۈنى، مون جىئىن پيۇڭياڭدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ كورېيەگە قايتقاندىن كېيىن ئاۋامغا دوكلات ئېلان قىلغاندا، ئەگەر ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا، بۇ يىل ئىچىدە كىم جوڭئۇننىڭ كورېيەدە زىيارەتتە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر