باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز ئورگانلىرى 369 مەمۇرنى ئاشكارا تاللايدۇ ۋە تاللاپ ئىشلىتىدۇ

تىزىملىتىش بۈگۈن باشلىنىدۇ

2018.12.04 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈندىن باشلاپ، 2019-يىللىق مەركەز ئورگانلىرىنىڭ مەمۇرلارنى ئاشكارا تاللاش ۋە ئاشكارا تاللاپ ئىشلىتىشكە تىزىملىتىش باشلاندى. مەركەز ئورگانلىرى بۇ قېتىم 369 مەمۇرنى تاللاش ۋە تاللاپ ئىشلىتىشنى پىلانلىدى، تارماقلاردىن قارىغاندا، بۇ قېتىملىق مەمۇر تاللاشقا قاتنىشىدىغان مەركەز ئورگانلىرى ئىچىدە دۆلەت باج باش ئىدارىسى تاللاشنى پىلانلىغان مەمۇرلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ.

  مەمۇر تاللاش، تاللاپ ئىشلىتىش دېگەن نېمە؟

  ئاشكارا تاللاشقا تىزىملىتىشنىڭ دائىرىسى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورگانلاردىكى تىزىملاپ ئەنگە ئالدۇرغان مەمۇرلار ۋە ئىشتاتلىق ئىش ئورنىدىكى مەمۇرلارنى؛ ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مەمۇرلار قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان ئورگان (ئورۇن)لاردىكى تىزىملاپ ئەنگە ئالدۇرغان، شۇنداقلا ئىشتاتلىق ئىش ئورنىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەركەز ئورگانلىرىنىڭ يەرلىكتە تەسىس قىلغان ئورۇنلىرى (تىك لىنىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان ئورگان، ئەۋەتكەن ئورگان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىكى يۇقىرىقى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلارمۇ تىزىملاتسا بولىدۇ. ئاشكارا تاللاپ ئىشلىتىش دائىرىسى دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  «خۇاتۇ» مائارىپىنىڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانى بويىچە تەربىيەلەش مۇتەخەسسىسى ساڭ يېلۇڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئىمتىھان ئېلىپ يېڭى مەمۇر قوبۇل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئادەتتە مەمۇرلۇق سالاھىيىتىنى ھازىرلىمايدۇ، مەمۇر تاللاشتا ئاساسىي قاتلام مەمۇرلىرى ئارىسىدىن ئەلالىرى تاللىنىپ، مۇنەۋۋەر بولغانلىرى مەركەز ئورگانلىرىغا كىرىدۇ، بۇنى مەمۇرنىڭ مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىشى دېيىشكە بولىدۇ. مەمۇر قوبۇل قىلىدىغان دۆلەت ئىمتىھانى بىلەن مەمۇر تاللايدىغان، تاللاپ ئىشلىتىدىغان ئىمتىھاننىڭ خاراكتېرى، مەزمۇنى جەھەتلەردە چوڭ پەرق بار.

  مەركەز ئورگانلىرى خادىم تاللىغاندا، تاللاپ ئىشلەتكەندە قانداق كىشىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ؟

  ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، تاللاش ۋە تاللاپ ئىشلىتىشتە تىزىملاتقۇچىلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى ۋە تەشكىلنىڭ كۆرسىتىشى ئۆزئارا بىرلەشكەن تىزىملىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. تىزىملىتىش ۋاقتى 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 8دىن 12-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 18گىچە بولىدۇ.

  ئاشكارا تاللىنىدىغان ئىش ئورۇنلىرى مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى، مۇئاۋىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى ۋە مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئىش ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاشكارا تاللىنىدىغان ئىش ئورۇنلىرى ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ، بىرىنچىسى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان بارلىق مەمۇرلار؛ ئىككىنچىسى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەخسۇس تاللاپ ئىشلىتىدىغان ئوقۇغۇچىلار. ئاشكارا تاللاپ ئىشلىتىدىغان ئىش ئورۇنلىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى، مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ۋە مۇئاۋىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى ئېلان قىلغان بۇ قېتىملىق مەمۇر تاللاش، تاللاپ ئىشلىتىشتىكى ئىش ئورنى جەدۋىلىنى رەتلەپ بايقىشىچە، 369 مەمۇرنى تاللاپ ئۆستۈرۈش پىلانلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە 347 كىشى تاللىنىدىكەن، 22 كىشى تاللاپ ئىشلىتىلىدىكەن.

  ئىش ئورنى قاتلىمىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىم تاللىنىلىدىغان ۋە تاللاپ ئىشلىتىلىدىغان 369 مەمۇرنىڭ ئىچىدە، تاللىنىلىدىغان باشقارما دەرىجىلىك مەمۇردىن 13ى، مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن مەمۇردىن 334ى، تاللاپ ئىشلىتىلىدىغان باشقارما دەرىجىلىك مەمۇردىن 22سى باركەن.

  تاللاش، تاللاپ ئىشلىتىش ئىمتىھانىنىڭ مەزمۇنى قانداق بولىدۇ؟

  دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، مەركەز ئورگانلىرى ئاشكارا تاللايدىغان ۋە ئاشكارا تاللاپ ئىشلىتىدىغان مەمۇرلارنىڭ يېزىقچە ئىمتىھانىنى دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى بىر تۇتاش تەشكىللەيدىكەن، يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتى 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 14تىن 17گىچە بولىدىكەن.

  ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، يېزىقچە ئىمتىھاندا ئاساسلىقى سىياسەت نەزەرىيە سەۋىيەسى، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، يېزىقچە ئىپادىلەش ئىقتىدارى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ساپاسى سىنىلىدۇ. باشقارما دەرىجىلىك ئاشكارا تاللىنىدىغان ئىش ئورۇنلىرى ۋە ئاشكارا تاللاپ ئىشلىتىدىغان ئىش ئورۇنلىرى دېلو مىسالىنى تەھلىل قىلىش ۋە تەدبىر خاراكتېرلىك ئىلمىي ماقالە يېزىش بىر پەن(A تۈر)دىن ئىمتىھان ئالىدۇ، مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسىدىن تۆۋەن ئاشكارا تاللىنىدىغان ئىش ئورۇنلىرى دېلو مىسالىنى تەھلىل قىلىش بىر پەن(B تۈر)دىن ئىمتىھان ئالىدۇ، تولۇق نومۇر 100 نومۇر بولىدۇ.

  ساڭ يېلۇڭ مۇنداق دېدى: ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىش بىلەن مەمۇر تاللاش، تاللاپ ئىشلىتىشنىڭ تەلىپى، مەزمۇنى ئوخشىمايدۇ، قىيىنلىق دەرىجىسىدىمۇ پەرق بار، مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا ئىقتىدارىنى كۆزىتىشكە ئېتىبار بېرىلىدۇ، تاللاشتا ئاساسلىقى ساپاسىنى كۆزىتىشكە ئېتىبار بېرىلىدۇ.

  ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىشقا ئوخشاش مەمۇر تاللاش ۋە تاللاپ ئىشلىتىش ئىمتىھانىدىمۇ يۈز تۇرانە ئىمتىھان ھالقىسى بار، يۈز تۇرانە ئىمتىھاننى ھەر قايسى تارماقلار تەشكىللەپ ئېلىپ بارىدۇ، ئاساسلىقى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا تەلەپ قىلىنىدىغان ئاساسىي ساپا ۋە ئىقتىدارى سىنىلىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى بىلەن يۈز تۇرانە ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ %50ى قوشۇلۇپ ئۇنىۋېرسال نەتىجىسى بېكىتىلىپ، ئومۇمىي 100 نومۇرغا سۇندۇرۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھەر قايسى ئىش ئورۇنلىرىغا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى بىلەن تاللىنىلىدىغان ياكى تاللاپ ئىشلىتىلىدىغان كىشى سانىنىڭ نىسبىتى 1: 5دىن تۆۋەن بولمايدۇ. يۈز تۇرانە ئىمتىھان نامزاتى بىلەن تاللىنىلىدىغان ياكى تاللاپ ئىشلىتىلىدىغان ئىش ئورنىنىڭ نىسبىتى 1: 5 بولىدۇ. بەلگىلەنگەن نىسبەتكە يەتمىسە، دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسىنىڭ ماقۇللىقى بىلەن نىسبەتنى تۆۋەنلەتسە بولىدۇ، لېكىن 3:1 دىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر