خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 4- دېكابىر، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لىسبونغا يېتىپ بېرىپ، پورتۇگالىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.
شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، پورتۇگالىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيە ئەنئەنىۋى دوست دۆلەتلەر. جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ھەمدە زاماننىڭ ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت كۈنسېرى يېڭىلىنىپ تۇرماقتا، ھەمدە تارىختىن بۇيان مۇستەھكەملىنىپ كەلمەكتە. جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ئۆزئارا ئىشىنىشتىن مەيدانغا كەلگەن مۇناسىۋەتتۇر. 1999- يىلى، ئىككى دۆلەت دوستانە كېڭىشىش ئارقىلىق، ئاۋمېن مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، دۆلەتلەر ئارا تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا باشقىلارغا ئۈلگە تىكلەپ بەردۇق. جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيەنىڭ مۇناسىۋىتى يەنە ئۆزئارا ھەمكارلىقتىن مەيدانغا كەلگەن مۇناسىۋەتتۇر. 2005- يىلى، ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە شېرىكلىشىشنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي پايدا يەتكۈزدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى