باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ئەرلەر بوكس چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسى تۆت ئالتۇن مېدال، يەتتە مىس مېدالغا ئېرىشتى

2018.12.05 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئاياغلاشقان 2018-يىللىق مەملىكەتلىك ئەرلەر بوكس چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ بوكس كوماندىسى جەمئىي تۆت ئالتۇن مېدال، يەتتە مىس مېدال ئېلىشتەك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن.

  بۇ قېتىمقى چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى 11-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ پەنجىخۇا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ بوكس كوماندىسى پېشقەدەم ماھىر مەمەتتۇرسۇن چوڭ باشچىلىقىدىكى 14 تەنھەرىكەتچىنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇردى.

  ئالتە كۈنلۈك كەسكىن مۇسابىقىدىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسى جەمئىي تۆت ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشقان شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ ئەڭ ياش ماھىرى، 19 ياشلىق ئىبراھىم مامۇت 64 كىلوگىراملىقلار دەرىجە ئايرىمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، بۇلتۇرقى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ چېمپىيونى، جۇڭگو بوكس شاھى كەمىرىگە ئېرىشكۈچى ۋاڭ گاڭنى 3 دە 2 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، ئۆز كۈچىنى نامايان قىلىپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە بىر ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى. 69 كىلوگىراملىقلار دەرىجە ئايرىمىسىدا، ئۈچ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ چېمپىيونى مەمەتتۇرسۇن چوڭ ئوڭايلا ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. بۇلتۇرقى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكۈچى، 2018-يىللىق جۇڭگو بوكس شاھى ئالتۇن كەمىرىگە ئېرىشكۈچى توختاربېك تاڭلاتقان 75 كىلوگىراملىقلار دەرىجە ئايرىمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ئەنخۈي ئۆلكىسىدىن كەلگەن پېشقەدەم بوكس ماھىرى خۇاڭ يەنخۈينى يېڭىپ، چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. بۇلتۇرقى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا يەنە بىر كۈمۈش مېدالنى قولغا كەلتۈرگۈچى ئەخمەت مەمەت 91 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، 5 دە 0 مۇتلەق ئۈستۈن نەتىجە بىلەن بۇلتۇرقى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى رەقىبى مۇ خەيپىڭنى يېڭىپ، چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. ئەخمەت مەمەتنىڭ بۇ ئالتۇن مېدالى شىنجاڭ بوكسچىلىقىنىڭ مۇشۇ دەرىجە ئايرىمىسىدا يەنە 15 يىلدىن كېيىن چېمپىيون بولۇشى ھېسابلىنىدۇ.

  يۇقىرىقى تۆتەيلەندىن باشقا، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدىن يەنە يەتتەيلەن مىس مېدالغا ئېرىشتى. ئۇلار 64 كىلوگىراملىقلار دەرىجە ئايرىمىسىدىكى ئېردۆلەت مايرانبېك، 69 كىلوگىراملىقلار دەرىجە ئايرىمىسىدىكى قەيسەر تاشمەمەت، 75 كىلوگىراملىقلار دەرىجە ئايرىمىسىدىكى توختىچوڭ موللا ۋە ئايبىن قانات، 91 كىلوگىراملىقلار دەرىجە ئايرىمىسىدىكى بايكۆز دانابېك قاتارلىقلار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر