باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 5-قېتىملىق دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنىدە مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى تۇرغۇزۇپ، بارلىق خەلقنى سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ سادىق ئەمەلىيەتچىسى، ئاڭلىق رىئايە قىلغۇچىسى، قەتئىي قوغدىغۇچىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك

لى جەنشۇ «ئاساسىي قانۇننى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش» سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2018.12.05 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-قېتىملىق دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشتا ئالدى بىلەن ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش لازىم. دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئاساسىي قانۇنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئەمەلىيىتى تەجرىبىسىنى چوڭقۇر يەكۈنلەش ئاساسىدا تۈزۈپ چىقىلغان ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ يۈكسەك بىرلىكى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تۈپ قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلغان.

  پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇن تۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى __ ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغانلىق. ئىلمىي، ئۈنۈملۈك، سىستېمىلىق، مۇكەممەل بولغان تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي قانۇننى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش كېرەك. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئاساسىي قانۇننى ھۆرمەتلەش، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئاساسىي قانۇننى قوغداش، ئاساسىي قانۇننى تەتبىقلاش تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى تۇرغۇزۇپ، بارلىق خەلقنى سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ سادىق ئەمەلىيەتچىسى، ئاڭلىق رىئايە قىلغۇچىسى، قەتئىي قوغدىغۇچىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بەنگۇڭتىڭى 4-چېسلا مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭدا «ئاساسىي قانۇننى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش» سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر