باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە پارلامېنت ئەزاسى ئەگەر ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەۋەتكەن ھەربىي پاراخوت قارادېڭىزغا كىرسە، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ، دېدى

2018.12.05 17:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە فېدراتسىيە كومىتېتى (پارلامېنت يۇقىرى پالاتا)نىڭ پارلامېنت ئەزاسى پۇشكوف 4-دېكابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەۋەتكەن ھەربىي پاراخوت قارادېڭىزغا كىرسە، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ.

  ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى جون بالاسسو يېقىندا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىنى تۇتۇپ قالغانلىقىغا قارىتا ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى قەتئىي ئىنكاس قايتۇرۇشقا ھەمدە ھەربىي پاراخوتلارنى قارا دېڭىز رايونىغا كىرىشكە ئەۋەتىشكە مۇراجەت قىلغان ئىدى. پۇشكوف ئىجتىمائىي ئالاقە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا بۇ ھەقتە ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارادېڭىز رايونىدىكى كۈچلەرنىڭ سېلىشتۇرما ئەھۋالىنى ئېنىق تونۇشى كېرەك، ئەگەر قارا دېڭىز رايونىغا كىرىشكە ھەربىي پاراخوت ئەۋەتسە، رايون توقۇنۇشىنىڭ جىددىي يامانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، دېدى.

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 26-نويابىر ئۆز تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، كېرىچ بوغۇزىغا يېقىن سۇ رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقە كۆڭۈل قويۇپ پىلانلانغان ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتى، ئۇنىڭ مەقسىتى بۇ رايوننىڭ جىددى ۋەزىيىتىنى يامانلاشتۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان جازانى كۈچەيتىشى ئۈچۈن باھانە ئويدۇرۇپ چىقىرىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇكرائىنا دۆلەت ئىچىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىگە بولغان دىققىتىنى بۇراشنى مەقسەت قىلغان، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر