باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

11 تارماق مۇردا كارخانىلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى

2018.12.05 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 11 تارماق بىرلىشىپ «"مۇردا كارخانا" ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىۋاتقان كارخانىلاردىكى قەرزنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، «مۇردا كارخانا»لار ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىۋاتقان كارخانىلارنىڭ قەرزىنى پائال، پۇختا بىر تەرەپ قىلىش، «مۇردا كارخانا»لارنى تازىلاشنى تېزلىتىپ، كارخانىلارنىڭ قەرزدارلىق خېيىم- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ ۋە پەسەيتىپ، ئىقتىسادىي سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، بىر تەرەپ قىلىش دائىرىسى «مۇردا كارخانا»لار ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىۋاتقان كارخانىلارنىڭ بىۋاسىتە قەرزى، بىر تۇتاش ئالغان قەرزى، كېپىللىك قەرزى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  بۇنىڭ ئىچىدە، بىۋاسىتە قەرزگە قارىتا، ئۇقتۇرۇشتا تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش تەلەپ قىلىندى. كونكرېت ئىشلاردا «مۇردا كارخانا»لار ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىۋاتقان كارخانىلارنىڭ تىجارەت قىممىتى، قەرزنى ئۈزۈش ئىقتىدارى، ئاكتىپ-پاسسىپلىق ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسلىنىپ، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملار بويىچە، ئايرىم- ئايرىم ھالدا ۋەيران بولۇش ھېساباتىنى ئېنىقلاش، ۋەيران قىلىپ قايتا بىرىكتۈرۈش، قەرزدارلىقنى قايتا تەشكىللەش، قوشۇۋېلىش، قايتا تەشكىللەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تۈرگە ئايرىپ بىۋاسىتە قەرزلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش لازىم. قەرزنى ئۈزۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىۋاتقان كارخانىلارغا قارىتا پائال سۈرۈشتۈرۈپ، يامان نىيەتتە قەرزدىن قېچىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  كېپىللىك قەرز مەجبۇرىيىتى جەھەتتە، ئۇقتۇرۇشتا ئۆز ئالدىغا كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كارخانا بىلەن ھەقدارلار ئۆز ئالدىغا كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، كارخانا گۇرۇھى ياكى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى بىكار قىلسا ياكى قىسمەن بىكار قىلسا بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىۋاتقان كارخانىغا كېپىل بولۇش ئارقىلىق شەكىللەنگەن كېپىللىك قەرز مەجبۇرىيىتى كارخانا تۈگەتكەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگەتكەن كارخانا گۇرۇھلىرىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلاتى ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسلىنىپ، بىر قىسمىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، «مۇردا كارخانا»لار ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىۋاتقان كارخانىلارنىڭ بىر تۇتاش ئالغان قەرزى بىۋاسىتە قەرزگە كىرگۈزۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلارغا رۇخسەت قىلىندى: مۇناسىۋەتلىك كارخانا بىلەن ھەقدارلار قەرز ئېلىش توختامىدىكى پۈتۈم ھەمدە «مۇردا كارخانا»لار ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىۋاتقان كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ياكى تىجارەت كىرىمىنىڭ كارخانا گۇرۇھى ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىگە ئاساسەن، ئۆز ئالدىغا كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، كارخانا گۇرۇھلىرىنىڭ بىر تۇتاش ئالغان قەرزى ئىچىدىكى «مۇردا كارخانا»لار ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىۋاتقان كارخانىلارغا ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن قەرزلىرىنى ئايرىپ چىقىش لازىم، ئايرىپ چىقىلغاندىن كېيىنكى بىر تۇتاش ئالغان قەرز «مۇردا كارخانا»لار ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىۋاتقان كارخانىلارنىڭ بىۋاسىتە قەرزىگە كىرگۈزۈلۈپ، بىللە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  كونكرېت بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى جەھەتتە، ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قەرزى بىر تەرەپ قىلىنىدىغان كارخانىلارنىڭ تىزىملىكىنى بېكىتىپ، بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە يولغا قويۇش كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، «مۇردا كارخانا»لار ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىۋاتقان كارخانىلارنىڭ قەرزىنى بىر تەرەپ قىلىش تىزىملىكىنى تېخى بېكىتمىگەن يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، ھەر دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى چوقۇم ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۈچ ئاي ئىچىدە تۇنجى تۈركۈمدىكى تىزىملىكنى بېكىتىشى كېرەك. كېيىنكى ئىشلار بىر تەرەپ قىلىنىدىغان كارخانىلارنىڭ تىزىملىكىنى بېكىتىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك، پىرىنسىپ جەھەتتە 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بارلىق بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى تولۇق ئورۇنلاش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر