- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە يەنە بىر قېتىم سۇرىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى تۆت تەرەپ باشلىقلىرى سۆھبىتىنى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى
2018.12.05 16:50 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پىسكوف مۇشۇ ئاينىڭ 4-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە يەنە بىر قېتىم ، گېرمانىيە، فىرانسىيە، تۈركىيەدىن ئىبارەت سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە تۆت تەرەپ باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى.
پىسكوف تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى : رۇسىيە سۇرىيەنىڭ ئىدلىب ۋەزىيىتى توغرىسىدا تۆت تەرەپ باشلىقلار يىغىنىنى يەنە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈشكە پىرىنسىپ جەھەتتىن قوشۇلدى ، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى يېقىندا ئىچىلىشى مۇمكىن . نۆۋەتتە ئەڭ مۇھىم بولغىنى باشلىقلار يىغىنىنى قەيەردە ئېچىش بولماستىن، بەلكى رۇسىيە ، گېرمانىيە ، فىرانسىيە، تۈركىيەدىن ئىبارەت تۆت تەرەپ باشلىقلار يىغىنىنى يەنە بىر قېتىم ئىچىشنىڭ ئۆزى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر