باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يېرىم ئارال ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۆز-ئارا ئىشەنچىنى كۈچەيتىشكە موھتاج

2018.12.05 16:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ئاق سارىيى مۇشۇ ئاينىڭ 2-كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ كېلەر يىلى 1-ئاي ياكى 2-ئايدا چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىشى مۇمكىن. كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيە زۇڭتۇڭى مونجەئىن مۇنداق دېگەن: كىم جۇڭئۇننىڭ بۇ يىل ئىچىدە كورېيەدە زىيارەتتە بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا، كورېيە باشلىقلىرى ئامېرىكا كورېيە رەھبەرلىرى، كورېيە چاۋشيەن رەھبەرلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىشى ھەققىدە ئىجابىي سىگنال چىقاردى، بۇ يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە قايتا بىرلىشىش ئۈمىدىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىراق يېرىم ئارال ۋەزىيىتىنى ھەقىقىي پەسەيتىش ئۈچۈن ھەرقايسى تەرەپلەر ئۆز-ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  ئاق ساراينىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تىرامپ مۇشۇ ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنى پائالىيىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئامېرىكىغا قايتىش سەپىرىدە مۇخبىرلارغا كىم جۇڭئۇن بىلەن ئىنتايىن ياخشى مۇناسىۋىتىنىڭ باشلىقىنى ئېيتقان ھەمدە ئىككىيلەننىڭ كېلەر يىلى 1-ئاي ياكى 2-ئايدا كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  تىرامپ مۇنداق دېدى: ھازىر ئۇچرىشىش ۋاقتى تېخى بېكىتىلمىدى، ئويلىشىشقا بولىدىغان ئۈچ جاي بار. ئۇ يەنە كەلگۈسىدە مەلۇم پەيتتە كىم جۇڭئۇننى ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئوخشاشلا مون جەئىن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى پائالىيىتىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئارگېنتىنادىن يېڭى زېللاندىيەگە كېتىۋاتقاندا مەخسۇس ئايروپىلاندا مۇخبىرلارغا كىم جۇڭئۇننىڭ بۇ يىل ئىچىدە كورېيەدە زىيارەتتە بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقارمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  مون جەئىن مۇنداق دېدى: كورېيە ئامېرىكا باشلىقلىرى بۇئېنۇس ئايرېستا سۆھبەتلەشكەندە بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: كىم جۇڭئۇن كورېيەدە زىيارەتتە بولسا كورېيە ئامېرىكا سۆزلىشىشىدە ئىجابىي رول ئوينايدۇ. مون جەئىن مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: تىرامپ يەنە ماڭا كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇننىڭ ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان كېلىشىملەرنىڭ قالغان قىسمىنى ئىجرا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداق قىلسا ئۇنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئۆتۈندى.

  شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭگونىڭ دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بۇئېنۇس ئايرېستا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئامېرىكا كورېيە رەھبەرلىرىنىڭ يەنە قېتىم ئۇچرىشىشىنى قوللايدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ بىردەك يۆنىلىشنى بويلاپ، ئاز-ئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىشىنى ھەمدە يېرىم ئارالنى پۈتۈنلەي يادروسىزلاشتۇرۇشى ۋە يېرىم ئارالدا تىنچلىق مېخانىزمى ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئىجابىي رول ئوينىغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتتى، جۇڭگو بىلەن بۇ جەھەتتە ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ۋە يەر شارى ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى ۋاڭ جۈنشېڭ مۇنداق دەپ قارىدى:كورېيە ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى چاتاق ئۆز-ئارا ئىشەنچنىڭ كەمچىل بولۇشىدا، خەلقئارا ھەمكارلىق بولغاندىلا ئاندىن ئىككى تەرەپنىڭ ئىشەنچ قىزىل كىرىزىسىنى ئۈنۈملۈك تولۇقلىغىلى بولىدۇ. جۇڭگو بۇ ساھەدە مۇھىم رول ئوينىدى، ئىككى تەرەپكە ۋاقىتلىق توختاش قاتارلىق جۇڭگونىڭ ئەقىل پاراسىتىنى قوشۇپلا قالماستىن، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ قېتىمقى جۇڭگو ئامېرىكا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدا ئىجابىي نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى، چاۋشيەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىدا مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

  فۇدەن داشۆسى چاۋشيەن كورېيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جېڭ جىيۇڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ 2-قېتىملىق كىم جۇڭئۇن تىرامپ ئۇچرىشىشىغا بولغان كۆزلىمىسى بىر قەدەر يۇقىرى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ پۇختا دىپلوماتىيە نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەگەر ئىككى تەرەپ يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش جەھەتتە كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئالاقىدار كېلىشىم تۈزەلىسە، مەسىلەن يادرو تەكشۈرۈشكە يول قويۇش تىزىملىكى ياكى يادرودىن ۋاز كېچىش تىزىملىكى ھاسىل قىلالىسا، بۇ ئامېرىكىغا نىسبەتەن شەك-شۈبھىسىزكى ياخشى خەۋەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  جېڭ جىيۇڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدىن كېيىن، دېموكراتلار پارتىيەسى پارلامېنت ئاۋام پالاتاسىنى قولغا كەلتۈردى، بۇ تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئىستىقبالىدىكى ئېنىقسىزلىقنى مەلۇم دەرىجىدە كۈچەيتىدۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي يۈزلىنىشىگە تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ. چاۋشيەن مەسىلىسىدە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش بولسا، تىرامپ ئىككى يىلدىن كېيىنكى چوڭ سايلامدا كۈچلۈك پېچكىغا ئىگە بولىدۇ، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئامېرىكا چاۋشيەن ئۇچرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچلەرنىڭ بىرى.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەتنىڭ ئىچكى سىياسىيسىنى نەزەرگە ئالغاندا، مۇن جەئىن ھۆكۈمىتى سىئولدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كىم جۇڭئۇن مون جەئىن ئۇچرىشىغا جىددىي موھتاج بولماقتا ھەمدە كىم جۇڭئۇن تىراپ ئۇچرىشىشىنى زۆرۈر ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ، ئۇ بۇ ئارقىلىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى يارقىن نۇقتىلارنى كۆپەيتمەكچى.

  بۇ يىل يېرىم ئارال ۋەزىيىتى پەسەيگەندىن ھازىرغىچە، نەچچە ئاي سوغۇق بىرتەرەپ قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ھازىر ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەننىڭ ئۆز-ئارا ھەرىكىتىدە يەنە ياخشىلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى، لېكىن قىيىن مەسىلىلەرنى ئاسان ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىجابىي سىگنال بېرىش ئاساسىدا، قەيسەر ۋە سەمىمىيلىك بىلەن ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، بىر يۆلىنىشكە قاراپ ئىلگىرىلەش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تەكرارلاشنى ئازايتىپ، كۆپرەك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ئورتاق ھەل قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ تىنچلىق نۇرىنى يېرىم ئارالغا چېچىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر