- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پورتۇگالىيەنىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى ئەربابلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى كۈتمەكتە
2018.12.05 16:48 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پورتۇگالىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى سوسانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پات ئارىدا پورتۇگالىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى . پورتۇگالىيەنىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى ئەربابلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنى يۈكسەك دەرىجىدە كۈتمەكتە.
ئاۋمېننىڭ سابىق باش ۋالىيسى ۋېچىرى مۇنداق دېدى : ئىشىنىمەنكى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىنتايىن مۇھىم، پورتۇگالىيە بىلەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن ھەمكارلىق ۋە ئىناق بىرگە ئۆتكەن تارىخى بار ، بۇمۇ پورتۇگالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ كەلگۈسى ھەمكارلىقنىڭ ئاچقۇچى. ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: پورتۇگالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدىكى ھەمكارلىق ساھەسى كەڭ . بولۇپمۇ « بىر بەلباغ ، بىر يول » قۇرۇلۇشى جەھەتتە ،ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە.
پورتۇگالىيە پارلامېنتنىڭ ئەزاسى خۇگ گۇسدامۇ مۇنداق دېدى: مەيلى ئىقتىساد ياكى مەدەنىيەت ھەمكارلىقى جەھەتتە بولسۇن ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى پورتۇگالىيەگە نىسبەتەن بىر خۇش خەۋەر . ئۇ مۇنداق دېدى : رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى پورتۇگالىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم ، پورتۇگالىيە بىلەن جۇڭگوغا نىسبەتەنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ، بىز رەئىس شى جىنپىڭنى كۈتۈۋېلىشنى شەرەپ ھېس قىلىمىز ، مەيلى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتا بولسۇن يېڭى مەدەنىيەت ھەمكارلىقى جەھەتتە بولسۇن ، بۇ قېتىمقى زىيارەت ناھايىتى ياخشى بىر خەۋەر.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر