باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پورتۇگالىيە تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

زامان-ماكاندىن ھالقىغان دوستلۇق ۋە كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن شېرىكلەر

2018.12.04 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاينىڭ 3- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پورتۇگالىيە جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشتىن ئىلگىرى پورتۇگالىيەنىڭ «كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى»دە «زامان-ماكاندىن ھالقىغان دوستلۇق ۋە كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن شېرىكلەر» ماۋزۇلۇق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  زامان-ماكاندىن ھالقىغان دوستلۇق ۋە كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن شېرىكلەر

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرى پورتۇگالىيەدە زىيارەتتە بولغان ئىدىم، يەنە 2014- يىلى تېرسېيرا ئارىلىدا چېگرادىن ئۆتكەن ئىدىم. زۇڭتۇڭ دېسوسانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مانا ئەمدى بۇ مۇنبەت تۇپراققا يەنە قەدەم قويۇپ، پورتۇگالىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغان بولدۇم، بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشالمەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پورتۇگالىيە غەلىبىلىك ھالدا ياۋروپانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق قەرز كىرىزىسىنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، خەلق ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللىي مەدەنىيەتنى نۇرلاندۇرۇش، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، قەدىمىي زېمىندا ئۈزلۈكسىز تۈردە ھاياتى كۈچ ئۇرغۇدى. پورتۇگالىيە خەلقىنىڭ سەمىمىي دوستى بولغان جۇڭگو خەلقى بۇنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

  جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيە ئاسىيا ۋە ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا بولسىمۇ، لېكىن، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى، جۇڭگونىڭ كۆك گۈللۈك فارفۇر بۇيۇملىرى دېڭىز-ئوكيانلارنى كېزىپ ئۆتۈپ، پورتۇگالىيەگە يېتىپ كەلگەن، ھەمدە شۇ جايدىكى ساپال ياساش تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۆزگىچە جەلپكارلىققا ئىگە «پورتۇگالىيە كۆك فارفۇرلىرى» بارلىققا كەلگەن. پورتۇگالىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى فىراسېر شەھىرىدە پىلە يىپەكلىرى توقۇلمىلىنى توقۇش تېخنىكىسىمۇ خېلى بۇرۇنلا جۇڭگودىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ خىل تېخنىكىدىن خېلى بۇرۇنلا پايدىلىنىشقا باشلىغان، ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بۇ جاي «يىپەك يۇرتى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. شۇ دەۋردە، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستانە ئالاقىسىگە دائىر قىزىق ھېكايىلەر ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلگەن. ياشانغان بىر جۈپ جۇڭگولۇق ئوقۇتقۇچى ئەر-خوتۇن كېسەلنى يېڭىپ، قىيىن ھالەتتىكى نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، پورتۇگالىيەدە خەنزۇ تىلى ئۆگىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تارقاتتى؛ پورتۇگالىيەنىڭ نۇرغۇن مۇنەۋۋەر پۇتبول تىرېنېرلىرى ۋە توپچىلىرى جۇڭگو كۇلۇبىغا كېلىپ تىرېنېرلىق قىلدى ياكى توپ تەپتى، شۇنىڭ بىلەن، جۇڭگو پۇتبول ساھەسىدە «پورتۇگالىيە شامىلى» چىقتى؛ جۇڭگو ئاشپەزلىرى قاقلاپ پىشۇرغان پورتۇگالىيەچە يېمەكلىكلەر پۇقرالارنىڭ يېڭى تاللىشىغا ئايلاندى. بۇنداق ھېكايىلەر ناھايىتى كۆپ. دېمەك، بۇلار ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ زامان-ماكاندىن ھالقىغان دوستلۇقىغا شاھىت بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر