باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقىنى ۋە مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاچقۇچى نېمە؟

2018.12.05 16:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقىنى ۋە مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاچقۇچى، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى خەلقئارا قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەردە ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى، جۇڭگو ۋەكىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى تۆت تۈرلۈك تەشەببۇسىنى، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈردى.

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى باش ئەلچىسى ۋۇ خەيتاۋ يېقىندا 73 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا پەلەستىن مەسىلىسى ۋە ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جۇڭگو - جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پەلەستىن مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى « تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇسى »غا بىنائەن ، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال ۋە ئىجابىي رول ئوينىدى . ۋۇ خەيتاۋ مۇنداق دېدى : پەلەستىن مەسىلىسى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدىكى نېگىزلىك مەسىلە ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە گۈللەپ ياشنىشىغا مۇناسىۋەتلىك. پەلەستىن مەسىلىسىنى بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك ، ئادىل ھەل قىلىش ، كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى ، پەلەستىن قاتارلىق رايون ۋە ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. ۋۇ خەيتاۋ مۇنداق دېدى : نۆۋەتتە، پەلەستىن - ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتى ئىنتايىن جىددىي ، ئاجىز بولۇپ، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. يەھۇدىيلار تۇرالغۇ مەھەللىرى نۇقتىسى قۇرۇلۇشى، پەلەستىنلىكلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرىنى چېقىش ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ ، « ئىككى دۆلەت لايىھەسى »نى ئىشقا ئاشۇرۇش خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. غەززە رايونىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ناچار، پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى داۋاملىشىۋاتىدۇ، بۇ، بۇ رايوننىڭ مۇقىملىقىغا ۋە تىنچلىق مۇساپىسىگە پايدىسىز .

  ۋۇ خەيتاۋ مۇنداق دېدى : زوراۋانلىققا زوراۋانلىق ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ياردىمى بولمايدۇ، ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەر ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ ، ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك . بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەلەستىن پۇقرالىرىنى قوغداش توغرىسىدىكى قارارى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىنمىدى. ئىسرائىلىيە غەززەگە قاراتقان قامالنى تېزدىن بىكار قىلىش لازىم . خەلقئارا جەمئىيەت ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېقىن شەرق پەلەستىن مۇساپىرلىرىنى قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش باشقارمىسىنى قوللاشنى زورايتىشى ، ھەم يىراقنى كۆزلەپ ، پەلەستىن مەسىلىسىنى قايتىدىن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش يولىغا كىرگۈزۈشكە بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشى كېرەك .

  1 -: ئىككى دۆلەت لايىھەسى ئىسرائىلىيە - پەلەستىن توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى . خەلقئارا جەمئىيەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار قارارىدا چوقۇم چىڭ تۇرۇپ ، « زېمىن ئارقىلىق تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش » پىرىنسىپى ۋە « ئەرەب تىنچلىق تەشەببۇسى » قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىپ ، سۆھبەت ئارقىلىق پەلەستىن مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ، ئادىل ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ھەل قىلىشى كېرەك . ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2334 ـ نومۇرلۇق قارارىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، ئىگىلىۋېلىنغان زېمىندىكى يەھۇدىيلار مەھەللىرى قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىپ ، تەدبىر قوللىنىپ پۇقرالارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك .

  2-: خەلقئارا جەمئىيەت ئىتتىپاقلىشىپ ، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەتنى قانات يايدۇرۇشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئالاقىدار تەرەپلەر تەڭ ئىلگىرىلەپ ، ۋەزىيەتنى يامانلاشتۇرىدىغان سۆز ۋە ھەرىكەتلەردىن ، ئىشىنىشكە بۇزغۇچىلىق قىلىدىغان بىر تەرەپلىمىلىك ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىپ ، سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك . ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا مۇھىم تەسىرى كۆرسىتىدۇ ، يېڭى ياراشتۇرۇش مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ، پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ قاتمال ھالەتتىن ئىمكانقەدەر تېزرەك قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك .

  3-: ئېرۇسالىمنىڭ ئاخىرقى ئورنى مەسىلىسى ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى . بۇ مەسىلە مۇرەككەپ ۋە نازۇك ، « ئىككى دۆلەت لايىھەسى »نىڭ كەلگۈسى ، شۇنداقلا رايون تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىگە مۇناسىۋەتلىك . ھەر قايسى تەرەپلەر ئالاقىدار مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ ، ھەل قىلىش لايىھەسىنى مەجبۇرى تېڭىپ ، يېڭى قارشىلىشىشنى پەيدا قىلىشىدىن ساقلىشىنى كېرەك. ھەر قايسى تەرەپلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرى ۋە خەلقئارا ئورتاق تونۇش ئاساستا ، سۆھبەت ئارقىلىق ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىگە تەڭ ئېتىبار بېرىلگەن ھەل قىلىش لايىھەسىنى ھاسىل قىلىشى كېرەك.

  ۋۇ خەيتاۋ مۇنداق دېدى : ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىدىكى قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر مۇرەككەپ، گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ ، توقۇنۇشۇش - قارشىلىشىش داۋاملاشماقتا ، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ . بىز « تىنچ ، ئادىل ، ئىجابىي، كەڭ قورساق » بولۇشنى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش يولى قىلىشىمىز كېرەك : بىرىنچى، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۆزلىشىش ، سۆھبەتلىشىشنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، زوراۋانلىققا زوراۋانلىق ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇشتەك يامان ئايلىنىشنى پەيدا قىلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئىككىنچى، ئادىللىقنى ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ،مەجبۇرى مۇرەسسە قىلماي، داۋالغۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىش كويىدىلا بولماي، مۇقىملىقنى ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ۋەزىيەتنى ئىجابىي باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ ، تارىخ بىلەن رېئاللىققا تەڭ ئېتىبار بېرىپ ، قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشاش ۋەزىيىتىنى تەدرىجىي يارىتىش كېرەك ؛ تۆتىنچى ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق مەنپەئەتىگە تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ ، ئورۇنلاشتۇرۇشتا چەتكە قاقماي ، ئېچىۋېتىلگەن ، مۇقىم بولغان رايون تىنچلىق رامكىسىنى يارىتىش كېرەك .

  ۋۇ خەيتاۋ مۇنداق دېدى : جۇڭگو پەلەستىن خەلقىنىڭ ياخشى دوستى ، ياخشى شېرىكى، پەلەستىن ـ ئىسرائىلىيە تىنچلىقىنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىسى . جۇڭگو ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىنى قەتئىي قوللايدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ ، پەلەستىن خەلقىنىڭ قانۇنلۇق مىللىي ھوقۇقىنى قوغداش ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتەك ھەققانىي ئىشلىرىنى قوللايدۇ ، 1967 - يىلىدىكى چېگرا ئاساس قىلىنغان ، شەرقىي يېرۇسالېم پايتەخت قىلىنغان ، پۈتۈنلەي ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ، مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى ، پەلەستىننىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىشنى قوللايدۇ . جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ « پەلەستىن خەلقىگە مەدەت بېرىش خەلقئارالىق كۈنى » نى خاتىرىلەش يىغىنىغا مەخسۇس تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، پەلەستىن خەلقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ۋۇ خەيتاۋ يەنە مۇنداق دېدى : جۇڭگو رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پەلەستىن مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى « تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇسى »غا ئەمەل قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق پائال ۋە ئىجابىي رول ئوينايدۇ .


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر