باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 2-تۈركۈمدىكى مۈلۈك ھوقۇقى ۋە كارخانىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئېلان قىلدى

2018.12.05 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-دېكابىر، 5-قېتىملىق دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت قىلىش فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە كارخانىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىغاندىكى 2-تۈركۈم تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئالتە تىپىك دېلو مىسالى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: جاڭ فامىلىلىكنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى كۆز بوياپ كېسىش دېلوسى، «جۇڭكې» شىركىتى بىلەن مەلۇم ناھىيەلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسىنىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىپ بېرىش توختامى ماجىراسى دېلوسى، ۋاڭ فامىلىلىك قاتارلىق كىشىلەر بىلەن مەلۇم شىركەتنىڭ توختام ماجىراسى دېلوسى، بېيجىڭدىكى مەلۇم ئىككى شىركەتنىڭ تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلىش ۋە ناتوغرا رىقابەت ماجىراسى دېلوسى، «تيەنشىن» شىركىتى، ۋېي فامىلىلىكنىڭ مەلۇم ئۆلكە مەلۇم شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن دۆلەت تۆلىمى ئىلتىماس قىلىش دېلوسى، لى فامىلىلىك، «تېڭفېڭلۇڭ» شىركىتىنىڭ ئىجراغا دائىر ئەرز دېلوسى ۋەھاكازالار.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جياڭ چىبو مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈننى تاللاپ جەمئىيەتكە تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئېلان قىلىشىمىز ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى كونكرېت تەدبىرى، شۇنداقلا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىرى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر