باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چوڭ بۇشنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرى

2018.12.05 16:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جورجى خېربېرت ۋولكېر بوش، يەنى چوڭ بۇشنىڭ بىر قەدىناس دوستى ئۇ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى ئەھۋاللار ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇ سابىق زۇڭتۇڭىنىڭ ئوغلىغا ئەڭ ئاخىرىدا «مەنمۇ ساڭا ئامراق» دېگەن سۆزنى قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

  چوڭ بۇشنىڭ تەزىيە ئىشلىرى ئامېرىكا يەرلىك ۋاقتى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى باشلاندى، ھازىرقى زۇڭتۇڭ دونالد تىرامپ دۆلەتلىك دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى بېكىتتى.

  چوڭ بوش ئامېرىكا ئوتتۇرا قىسىم ۋاقتى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچتە تېكساس ئىشتاتىنىڭ ھيۇستون شەھىرىدىكى ئۆيىدە 94 يېشىدا قازا قىلدى.

  ئۇنىڭ بۇرۇنقى قول ئاستىدىكى خىزمەتدىشى ۋە قەدىناس دوستى، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جامېس ئاددىسون بېيكىر 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بىرقانچە ئامېرىكا تاراتقۇسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا چوڭ بۇشنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىنى ئاشكارىلىدى.

  جامېس ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن 11-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن چوڭ بۇشنىڭ ئۆيىگە يوقلاپ بارغان، ئۇ چاغدا چوڭ بوش ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىلى ئۈچ تۆت كۈن بولغان بولۇپ، ھېچنېمە يېمىگەن، ئەمما شۇ كۈنى ئۈچ تۇخۇم، قېتىق، مېۋە سۈيى بىلەن راۋرۇس ناشتا قىلغان.

  چوڭ بوش ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى پاركىنسون كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، يېقىنقى يىللاردا كۆپ قېتىم دوختۇرخانىدا ياتقان. ھەر قېتىم دوختۇرخانىدا ياتقاندا، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ساقىيالماسلىقىدىن ئەنسىرىگەن، ئەمما ئۇ ھەر قېتىم ياخشىلىنىپ كەتكەن. جامېس ئاددىسون بېيكىر چوڭ بۇشنىڭ ئىشتىھاسىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا بۇ قېتىممۇ ھېچ ئىش بولمايدۇ، دەپ ئويلىغان. كېيىن ئۇ: بىز ئەمدى ياخشى بولدى، ئۇ يەنە بىزنى ھەيران قالدۇرۇپ، بۈگۈن ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدىغان بولدى، دەپ ئويلاشقا باشلىغان ئىدۇق، دېدى.

  جامېس ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئۆيىگە يانغان، ئەمما يېرىم يولدا تېلېفون كېلىپ، چوڭ بۇشنىڭ ئۆيىگە قايتقان. تەخمىنەن ئىككى سائەتتىن كېيىن، چوڭ بوش نەپەس ئۈزگەن.

  جامېس ئاددىسون بېيكىر مۇنداق دەيدۇ: چوڭ بوش جان ئۈزەي دەپ قالغاندىمۇ قىزىقچىلىقنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئايالىم قولىنى چوڭ بۇشنىڭ پېشانىسىگە قويۇپ، بىز سىزگە ئامراق، دېدى. چوڭ بوش دەرھال جاۋاب قايتۇرۇپ: ئۇنداق بولسا تېزراق بولۇڭ، دېدى.

  چوڭ بۇشنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى نېلسى كارىۋات يېنىدا دادىسىغا ھەمراھ بولدى، قالغان بالىلىرى دادىسى بىلەن تېلېفوندا ۋىدالاشتى. چوڭ ئوغلى، سابىق زۇڭتۇڭ جورجى ۋولكىر بوش، يەنى كىچىك بوش ئەڭ ئاخىرىدا تېلېفونلاشتى ھەمدە دادىسىغا «مەن سىزگە بەك ئامراق» دېدى.

  چوڭ بوشمۇ ئەڭ ئاخىرىدا «مەنمۇ ساڭا ئامراق» دېدى.

  چوڭ بوش ئەر-خوتۇن ئالتە بالىلىق بولغان، بىرى چاچراپ كەتكەن. خوتۇنى باربارا پېرىس بۇ يىل 4-ئايدا 92 يېشىدا قازا قىلغان.

  تىرامپنىڭ يوليورۇقى بويىچە، زۇڭتۇڭنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى «ھاۋا ئارمىيە 1-نومۇر» 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ھيۇستۇنغا بېرىپ، چوڭ بۇشنىڭ تاۋۇتىنى مارىلاند ئىشتاتىدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئاندىرۇس بىرلەشمە بازىسىغا ئېلىپ كەلدى.

  چوڭ بۇشنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: «ھاۋا ئارمىيە 1-نومۇر»نىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ نامى «ئالاھىدە ئۇچۇش ۋەزىپىسى 41»، مەنىسى زۇڭتۇڭ مەخسۇس ئايروپىلانىنىڭ 41-نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى چوڭ بۇشنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم توشۇشى.

  ئارقىدىن تاۋۇت ئامېرىكا پارلامېنتىغا ۋاقتىنچە قويۇلۇپ، 12-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتىن 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇنغىچە ئاممىنىڭ خوشلىشىشىغا ئېچىۋېتىلىدۇ.

  دۆلەتلىك دەپنە مۇراسىمى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى دۆلەتلىك چوڭ چېركاۋدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، تىرامپ ۋە «بىرىنچى خانىم» مىلانىيا قاتنىشىدۇ. تىرامپ چوڭ بوش قازا قىلغاندىن كېيىن، ئاقساراي، ئاممىۋى سورۇنلار، ھەربىي ئەسلىھە قاتارلىق جايلارغا بايراقنى 30 كۈن يېرىم چۈشۈرۈش، 12-ئاينىڭ 5-كۈنىنى دۆلەتلىك تەزىيە كۈنى قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈردى.

  دۆلەتلىك دەپنە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، تاۋۇت «ھاۋا ئارمىيە 1-نومۇر»دا ھيۇستونغا ئېلىپ بېرىلىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ خوشلىشىشىغا ئېچىۋېتىلىدۇ. خۇسۇسىي دەپنە مۇراسىمى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  دەپنە مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، تاۋۇت تېكساس يېزا ئىگىلىك ۋە ماشىنا ئۈسكۈنە داشۆسىگە ئېلىپ بېرىلىپ، چوڭ بۇشنىڭ ئىئانىسى بىلەن سېلىنغان زۇڭتۇڭ كۇتۇپخانىسىغا قويۇلۇپ، رەپىقىسى باربارا ۋە چاچراپ كەتكەن قىزى بىلەن بىرگە يەرلىكىگە قويۇلىدۇ.

  چوڭ بوش بىلەن باربارا تونۇشقىلى 73 يىل بولغان، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئۆي تۇتقان ۋاقتى ئۇزاق زۇڭتۇڭ ئەر-خوتۇن ھېسابلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر