خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:12- ئاينىڭ 4- كۈنى، شەندۇڭ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايرۇپىلان مەسئۇل باشلىقى گاۋ يۈجيې (سولدا) ۋە ئايروپىلان ئىككىنچى باشلىقى يۈەن بياۋ (ئوڭدا) بوئىن B738 تىپلىق ئايروپىلاننى ھەيدەپ، دەلىللەش ئۇچۇشىنى ئېلىپ بارماقتا.
شۇ كۈنى كەچ، جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتىسىيىسى پايتەخت ئايرۇدۇرۇمىدا، تۈز كۆرۈنۈشلۈك ئىندىكاتور (HUD)غا ئاساسلانغان، ھەمدە ئۇچۇش يولىنىڭ كۆرۈنۈش مۇساپىسى(RVR)90 مېتىر بولغان ئارىلىقتىكى كۆرگىلى بولۇش دەرىجىسى تۆۋەن بولغان بۇزۇق ھاۋا شارائىتىدىكى ئۇچۇشنى سىناق قىلىپ دەلىللەش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. بۇ بۇلتۇر قانات يايدۇرغان HUD RVR150 مېتىرلىق تۈردىن كېيىنكى بىر چوڭ سەكرەش ھېسابلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى