- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گۇتېررىس: تولۇق يولغا قويغاندىلا ئاندىن پارىژ كېلىشىمىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى نامايەن قىلغىلى بولىدۇ
2018.12.05 16:49 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررىس مۇشۇ ئاينىڭ 3 - كۈنى پولشانىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر كاتوۋىزدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىدا مۇنداق دېدى : ھازىر چەكسىز سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا ۋاقىت يوق ، پەقەت مۇكەممەل بولغان يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى بېكىتكەندىلا، ئاندىن « پارىژ كېلىشىمى »نىڭ، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش پوزىتسىيەسىنى بېكىتكىلى بولىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ2 - كۈنى باشلاندى ، 200 گە يېقىن دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىل « پارىژ كېلىشىمى »نى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى ، يىغىن مۆلچەرلىنىشچە مۇشۇ ئاينىڭ 14 - كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر