شىنجاڭ نەخشىۋەن قولدا توقۇلغان گىلەم تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچى مېھرىنىسا مەمەتئىمىن گىلەم توقۇماقتا (11-ئاينىڭ 20-كۈنى تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى قولدا گىلەم توقۇشتا ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىغا مەشھۇر. بۈگۈنكى كۈندە، ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ياردىمىدە، يېزىدىكى قابىللارنىڭ باشلامچىلىقىدا، بۇ ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت شۇ جايدىكى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ بېيىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنىڭ يېڭى يولىنى ئېچىپ بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى