خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 13- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى ئارگېنتىنانىڭ بۇئېنۇس ئايرېستا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1- باسقۇچلۇق يىغىنغا قاتناشتى ھەم «ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەيلى!» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى، 20 دۆلەت گۇرۇھى ئېچىۋېتىش- ھەمكارلىق ۋە ھەمراھلىق روھىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش- يېتەكلەش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ۋە ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
شۇ يەر ۋاقتى چۈشتە، باشلىقلار يىغىنى باشلاندى. ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى ماكرى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
شى جىنپىڭ يېتەكچى خاراكتېرلىك سۆز قىلىپ، مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل بولسا، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بەرگەنلىكىگە ئون يىل بولغان بىر يىل، شۇنداقلا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئون يىللىقى. دۇنيا ئىقتىسادى گەرچە ئومۇمىي جەھەتتىن ئېشىشنى ساقلىغان بولسىمۇ، لېكىن، كىرىزىسنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق تەسىرى تېخى تۈگىگىنى يوق، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا يېڭى-كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇش تېخى تاماملانمىدى، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر تېز توپلىنىۋاتىدۇ. دۇنيا ئىقتىسادى يەنە بىر قېتىملىق تارىخىي تاللاشقا دۇچ كەلدى. 20 دۆلەت گۇرۇھى تارىخىي چوڭ يۈزلىنىش جەريانىدا قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. دۇنيا ئىقتىسادىدا پات-پاتلا داۋالغۇش كۆرۈلۈۋاتىدۇ، لېكىن، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئېچىۋېتىشكە يۈزلىنىش ۋە يۇغۇرۇلۇشقا يۈزلىنىشتەك چوڭ ۋەزىيەت ئۆزگەرمىدى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلىشى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپىدۇر، ئۇ شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى ئۆزگىرىشىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ مۇساپىدە، ھەرقايسى دۆلەتلەر مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى، مەسئۇلىيەت ئورتاق گەۋدىسى، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى. قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش بولسا بىردىنبىر توغرا تاللاشتۇر. قاتمۇقات خىرىسلار ئالدىدا، بىز ھەم تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشىمىز، ھەم ئەقىل-ئىدراكنى ساقلاپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيەسى بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلىشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ساقلاش ئورتاق ئېھتىياجى 20 دۆلەت گۇرۇھىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئون يىلدىن بۇيان، بىز جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، بىر نىيەتتە تەڭ كۈچ چىقىرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش گىردابىدىن قۇتۇلۇپ، ئەسلىگە كېلىپ ئېشىش يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولدۇق. ئون يىلدىن كېيىن، بىز قايتا جاسارەتكە كېلىپ، ئىستراتېگىيەلىك نەزەر دائىرىمىزنى نامايان قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى توغرا يولنى سېلىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى