باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جورج بۇشنىڭ ۋاپات بولغانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2018.12.03 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاينىڭ 1- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى جورج بۇشنىڭ ۋاپات بولغانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، ھەمدە ئۆز نامىدىن، سابىق زۇڭتۇڭ جورج بۇشنىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، ھەمدە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى بارلىق ئەزالىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ تەزىيە تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سابىق زۇڭتۇڭ جورج بۇش جۇڭگو خەلقىنىڭ كونا دوستى ئىدى، 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە تارىخىي خاراكتېرلىك تەرەققىياتنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىگە شاھىت بولغان ھەمدە تۈرتكە بولغان ئىدى. ئۇ زات ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق ئىشلىرىغا پائال تۆھپە قوشتى. جۇڭگو خەلقى بۇنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر