خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە، تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن بۇئېنۇس ئايرېستا ئۇچراشتى ھەم كەچلىك غىزادا بىللە بولدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سەمىمىي، دوستانە كەيپىياتتا جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ: ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈپ، تەڭ نەپ ئېلىش ئاساسىدا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئىختىلاپلارنى كونترول قىلىش، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىش، مۇقىملىق ئاساسىدىكى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشۇلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى تەڭ ئۈستىگە ئالغان، ياخشى بولغان جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۈمىدى. ھەمكارلىشىش __ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك.
ترامپ شى جىنپىڭنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى باھاسىنى قۇۋۋەتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا- جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ئالاھىدە ۋە مۇھىم. ئىككى دۆلەت دۇنيادا مۇھىم تەسىرگە ئىگە دۆلەتلەر، ئىككى تەرەپنىڭ ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلىشى ئىككى دۆلەت ۋە دۇنياغا پايدىلىق. ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ھەمدە ئىككى تەرەپتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق بولغان ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى