خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇئېنۇس ئايرېستا تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:جۇڭگو بىلەن تۈركىيە گۈللىنىۋاتقان مۇھىم بازار دۆلەتلەردىندۇر. ئىككى دۆلەت ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، خېيىم-خەتەر ۋە خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشىمىز لازىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن سىز بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىپ كەلدىم، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ قەدەم تاشلىشىغا بىرلىكتە يېتەكچىلىك قىلدۇق. مەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئاساسلىق تارماقلىرىنىڭ زىچ ماسلىشىپ، بىز ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەتنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تۈركىيەنىڭ مۇقىم تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ماسلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى قوللايدۇ، ھەم شۇنداقلا قورۇقچىلىق ۋە بىر تەرەپلىمىلىككە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشنى، ھەمدە گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداشنى خالايدۇ.
ئەردوغان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن تۈركىيە بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.تۈركىيە جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلاملىق ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ؛ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى تەشەببۇسىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش رامكىسى ئىچىدە ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، ئاۋىياتسىيە ۋە ساياھەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. تۈركىيە جۇڭگو بىلەن خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.
دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى ۋە خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى