خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 2-دېكابىر، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى ماكرى بۇئېنۇس ئايرېستا سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كەڭ نەزەر بىلەن پىلانلاش، جۇڭگو–ئارگېنتىنا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى قول تۇتۇشۇپ ئېچىشقا بىردەك قوشۇلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بەش قېتىم كۆرۈشۈپ، جۇڭگو-ئارگېنتىنا مۇناسىۋىتى تارىخىدا يېڭى رېكورت ياراتتۇق. جۇڭگو- ئارگېنتىنا ھەمكارلىقىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى مىسلىسىز بولۇۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ ئۆزگىرىشچان بولۇۋاتقان يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خىرىس ئالدىدا، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەرلىكتە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كەڭ نەزەر بىلەن پىلانلاپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىشلەپ، جۇڭگو-ئارگېنتىنا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىپ، ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى