خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 2-دېكابىر، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇئېنوس ئايرېستا ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى ماكرى بەرگەن «ئازاد قىلغۇچى سان مارتىن چوڭ زەنجىر دەرىجىلىك ئوردېنى»نى قۇبۇل قىلدى.
ئوردېن بېرىش مۇراسىمى زۇڭتۇڭ سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. رىياسەتچى «مەمۇرىي بۇيرۇق»نى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ماكرى شى جىنپىڭغا «ئازاد قىلغۇچى سان مارتىن چوڭ زەنجىر دەرىجىلىك ئوردېنى» بەردى. بۇ ئوردېن ئارگېنتىنانىڭ دۆلەت ئاتىسى سان مارتىننىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان، ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەل پۇقرالىرىغا بېرىدىغان ئەڭ ئالىي شەرىپى بولۇپ، دۆلەت باشلىقى ئۆزى بېرىدۇ.
ماكرى تەبرىك سۆزىدە، شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگونىڭ قولغا كەلتۈرگەن زور تەرەققىيات ئۇتۇقلىرىغا ئاپىرىپ ئوقۇپ، ئارگېنتىنا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە ھەمدە جۇڭگونىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بەردى.
شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى ماكرى ماڭا «ئازاد قىلغۇچى سان مارتىن چوڭ زەنجىر دەرىجىلىك ئوردېنى» بەردى، بۇنىڭدىن مەن ئېنتايىن شەرەپ ھىس قىلۋاتىمەن. بۇ ئوردېن ئارگېنتىنا خەلقىنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدىكى مىللىي روھىغا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، ئارگېنتىنانىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى سىڭدۈرۈلگەن. بۇ شەرەپ ئۆزۈمگە تەۋە بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگو-ئارگېنتىنانىڭ دوستلۇقى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بارلىق دوستانە زاتلارغا تەۋە. مەن بۇ گۈزەل دوستلۇقنى مەڭگۈ ساقلايمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى