خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 29- نويابىر، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مادرىدتا ئىسپانىيە پادىشاھى فېلىپ Ⅵ ئۆتكۈزگەن داغدۇغىلىق ۋە كاتتا قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن شۇ جايدا خان جەمەتىنىڭ مۇراسىم ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ، مۇراسىم كىيىمى كىيگەن ۋە ئات مىنگەن ئىسپانىيە خان جەمەتى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتى ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ ھىمايىسىدە مەيدانغا يېتىپ كەلدى. ئۇلار يېتىپ كەلگەندە، داقا-دۇمباق چېلىندى. پادىشاھ Ⅵ بىلەن خانىش لىتىزىيا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋېلىپ، ئۆز-ئارا ئەھۋال سوراشتى. فېلىپ Ⅵ شى جىنپىڭغا خان جەمەتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى تونۇشتۇردى. ئارقىدىن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى رەپىقىلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆرەك مۇنبىرىگە چىقتى. 21 پاي ھۆرمەت توپى ساداسى ئىچىدە، ھەربىي ئوركېستىرلار جۇڭگو ۋە ئىسپانىيەنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇندىدى.ھۆرمەت قاراۋۇلىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى.شى جىنپىڭ شۇ چاغدا پادىشاھ فېلىپ Ⅵنىڭ ھەمراھلىقىدا، پىيادە ئەسكەرلەر چاسا ئەترىتى، ئاتلىق ئەسكەرلەر چاسا ئەترىتى ۋە موتوسىكلىت ئەترىتى قاتارلىقلارنى تەرتىپ بويىچە كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ ئىسپانىيە تەرەپتىن ھەمراھ بولغان خادىملار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، پادىشاھ فېلىپ Ⅵ جۇڭگو تەرەپتىن ھەمراھ بولغانلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە رەپىقىلىرى كۆرەك سۇپىسىغا قايتىپ كېلىپ، پاراتنى كۆردى. موتوسىكلىت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، رەتلىك تىزىلغان ھەربىي ئوركېستىر، جاسارەتلىك پىيادە ئەسكەرلەر چاسا ئەترىتى، ھەيۋەتلىك ئاتلىق ئەسكەرلەر چاسا ئەترىتى تەرتىپ بويىچە كۆرەك سۇپىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى