خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 28-نويابىر، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مادرىدتا ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېز بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ئىسپانىيە كارخانا مەسلىھەتچىلىرى كومىتېتىنىڭ ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن جۇڭگو- ئىسپانىيە كارخانا مەسلىھەتچىلىرى كومىتېتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى ھەمدە 1-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى ھەمدە بۇ كومىتېتنى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم سۇپا، «كۈچلۈكلەر بىرلىشىش، ئۈستۈنلۈك ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش»تەك ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسى، دەپ ئاتىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو- ئىسپانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان 13 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئىككى تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك مىساللىرى ئاز ئەمەس. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى − ئاسىيا بىلەن ياۋروپانىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، تەكشى راۋاجلىنىشىغا پايدىلىق. ئىسپانىيەنىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ ئاممىۋى سۇپىدىن داۋاملىق ياخشى پايدىلىنىپ، ئىسپانىيەنىڭ دۆلەت ئوبرازى، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەھسۇلاتلىرى، تېخنىكىلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىنى تولۇق نامايان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ سودا پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، جۇڭگو- ئىسپانىيەنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ ئىككى دۆلەت كارخانىچىلىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو- ئىسپانىيە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت كارخانىچىلىرى ۋە سودا-سانائەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، يېڭى دەۋردە جۇڭگو- ئىسپانىيەنىڭ ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈشتەك ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ پارلاق يېڭى سەھىپىلەرنى يېزىپ چىقىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى