خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 28- نويابىر كەچ، ئىسپانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان جۇڭگو دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىسپانىيە پادىشاھى فېلىپ Ⅵ نىڭ مادرىد خان ئوردىسىدا ئۆتكۈزگەن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.
كەچ سائەت سەككىزدە، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن مادرىد خان ئوردىسىغا يېتىپ باردى، ھەمدە پادىشاھ فېلىپⅥ بىلەن خانىش لىتىزىيا قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. ئارقىدىن، جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيەنىڭ قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشقان مېھمانلىرى بىر-بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ھال سوراشتى.
ھەشەمەتلىك زىياپەت زالىدا، مېھمانلار ئورۇنلارغا لىق توشۇپ، زىياپەت كاتتا ۋە قىزغىن كەيپىيات ئىچىگە تولدى.
قارشى ئېلىش زىياپىتىنىڭ باشلىنىشى بىلەن، ئوركېستىر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا نۇتۇق سۆزلىدى.
پادىشاھ فېلىپ Ⅵئالدى بىلەن ئىسپانىيەنىڭ دۆلەت، ھۆكۈمەت ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن رەئىس شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پادىشاھ فېلىپ Ⅵ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسپانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئۆز ئارا ھۆرمەتلىشىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە، ئىسپانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، ئىستىقبالى پارلاق بولۇۋاتىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلاشماقتا، خەلقنىڭ بىر-بىرىنىڭ مەدەنىيىتىگە بولغان ئۆزئارا قىزىقىشى كۈنسېرى قويۇقلاشماقتا. ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە ئەركىن سودىنى بىردەك قوللاپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش قاتارلىق مەسىلىلەردە مەيدانى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم ئىسپانىيەنى زىيارەت قىلىشى ئەمەلىيەتتە جۇڭگو-ئىسپانىيە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنىڭ چوڭقۇر ئىكەنلىكى، ھەم شۇنداقلا، جۇڭگو-ئىسپانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مول نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ شۇنداقلا بىر يېڭى مۇھىم ئابىدە ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەم شۇنداقلا ئىسپانىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچقا كىرىشىنى ۋە تېخىمۇ يۇقىرى تېخىمۇ يىراق كەلگۈسىگە قەدەم قويۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى