خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئالىم خەۋىرى) ئىسسىق قان ۋە تۆھپە قوشۇش روھى سەلتەنەتلىك داستاننى پۈتتى، غايە ۋە ئېتىقاد شانلىق مۇساپىنى بەرپا قىلدى. 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋە 2-كۈنى كەچتە، مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش سەنئەت كېچىلىكى بېيجىڭدىكى مىللەتلەر تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.
كېچىلىك شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ناخشا، ئۇسسۇل، مۇزىكا قاتارلىق سەنئەت شەكىللىرى ئارقىلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يېڭى تۇرمۇشىنى، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى مەدھىيەلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش ۋە يۇغۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى چىڭ تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.
كەچتىكى مىللەتلەر تىياتىرخانىسىدا چىراغلار جۇلالىنىپ، تىياتىرخانا ئىچى باھاردەك ئىللىق ئىدى، خۇشاللىق كۈلكىلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، پايتەختتىكى ھەر ساھە تاماشىبىن جەم بولۇپ، كېچىلىكنى بىرلىكتە كۆردى.
خەلق ناخشىلىرى يېڭى پۇراق تارقىتىپ، يېڭى مۇساپىگە يول باشلىدى. مىللىي ئوركېستىر بىلەن تەڭكەش قىلىنغان «بېيجىڭدىكى خۇشخەۋەر چېگراغا يېتىپ كەلدى» ناملىق خور پۈتكۈل كېچىلىكنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى، «ئۈمىد ئېتىزلىرىدا» ناملىق خور تاماشىبىنلارغا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى شانلىق تارىخنى ئەسلىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇردى؛ «گۈزەل يايلاق مېنىڭ ئۆيۈم»، «جەننەت» قاتارلىق ناخشىلار، چالغۇ ۋە ناخشا تەڭكەش قىلىنغان ئۇسسۇل «گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل»، «گامېي دېگەن مودەنگۈل شاھى» ناملىق خور، «تاغنىڭ ئۇ تەرىپى» ناملىق ناخشا-ئۇسسۇل، چالغۇ مۇزىكىسى تەڭكەش قىلىنغان «جۇاڭزۇلار يۇرتىنىڭ گۈزەللىكىنى يېڭىدىن تۈزۈش» ناملىق خور، «قارلىغاچ» ناملىق ناخشا، «مىللەتلەر شادلىقى» ناملىق چاتما ناخشىلار ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلىغا پۈركىنىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان چەكسىز تەلپۈنۈشىنى ياڭراتتى؛ «مېھماننى تۇتۇپ قېلىش ناخشىسى» سەمىمىيلىككە تولغان بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا بولغان سەمىمىي مۇھەببىتىنى قايتا نامايان قىلدى؛ «ئانار قىزاردى» ناملىق ئۇسسۇل ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغانلىقىنى جانلىق نامايان قىلدى؛ «مەن بىلەن بىرگە يولغا چىقىڭ» ناملىق ناخشا كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان بولۇپ، 18- قۇرۇلتايدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىيات يولىدا پۇختا قەدەم باسقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى. «بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى» ناملىق ناخشا- ئۇسسۇل كېچىلىكنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، يېڭى سەھىپىلەرنى پۈتۈپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قەتئىي ئېتىقادى ۋە ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.
سەنئەتكارلارنىڭ نادىر نومۇرلىرى پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
كېچىلىكنىڭ ئۇسلۇبى نەپىس، ھەيۋەتلىك بولۇپ، نادىر ئەسەرلەر ئۈزۈلمىدى، ئاساسىي مېلودىيە ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، دەۋر ئاساسىي تېمىسى نامايان قىلىندى. سەنئەت شەكلى ئارقىلىق جۇڭگو ھېكايىسى بايان قىلىنىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دولقۇنلىرى ئىچىدە دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەشتەك ھەيۋەتلىك مۇساپىسى نامايان قىلىنىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە بايرىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە داۋاملىق يېڭى شان ـ شەرەپلەرنى قۇچۇشتەك يۈكسەك غەيرەت- جاسارىتى قىزغىن مەدھىيەلەندى. كېچىلىك ئارقا-ئارقىدىن ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈپ، نەقمەيدان كەيپىياتى قىزغىن بولدى.
كېچىلىككە دېدما، تېڭگېر، چوئاپېل ئاڭۋاڭ قاتارلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە ئەگىشىپ ئۆسۈپ يېتىلگەن داڭلىق ناخشىچىلار، ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولغان ئوتتۇرا ياش سەنئەتكارلار ۋە يېڭى باش كۆتۈرۈۋاتقان ياش ئارتىسلار يىغىلغان بولۇپ، ئۇلار ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئوخشاش بولمىغان باسقۇچىدىكى دەۋر ھېسسىياتىنى بىرلىكتە ئورۇنلاپ، جۇڭخۇا مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ نادىرلىقىنى نامايان قىلدى.
كېچىلىك سەنئەت ئارقىلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىنى نامايان قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشتەك دەۋر روھىنى كۈيلەپ، كەڭ ئاممىنى رەڭگارەڭ مىللىي سەنئەتنىڭ گۈزەللىكى ۋە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىدىن ھۇزۇرلاندۇرۇپ، ئىسلاھاتقا بولغان ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى توپلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى