سۈرەتتە: 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە، ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى كونو تارو مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ زىياپىتىدە سۆز قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ۋە ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي تەشكىلات − ئىقتىساد گەۋدىلىرى بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە جۇڭگو-ياپونىيە ئىقتىساد ھەمكارلىقى مۇھاكىمە يىغىنى» 3-دېكابىر توكيودا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو-ياپونىيە ئىككى دۆلەتتىكى ھەرساھە زاتلار ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بىرلىكتە ئەسلەپ ئۆتتى ھەمدە جۇڭگونىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى ۋە جۇڭگو-ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يېڭى يۈزلىنىشى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى