خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ئامان قالغان يۈ چاڭشياڭ (ئوڭدىن ئىككىنچى كىشى) ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىنى باشلاپ، قازا قىلغانلارنىڭ ئىسمى ئۇيۇلغان تام ئالدىدا تەزىيە بىلدۈردى.
شۇ كۈنى، بەشىنچى قېتىملىق نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرى ئائىلە تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان قېرىنداشلار خاتىرە سارىيىدا رەسمىي باشلاندى. تۇنجى تۈركۈمدە كېلىپ ئائىلە تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ھايات قالغان يۈ چاڭشياڭ، شى شيۇيىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى باشلاپ، خاتىرە سارىيىدىكى قازا قىلغانلار ئىسىملىكى تېمى ئالدىغا گۈل تەقدىم قىلىپ، كۈجە كۆيدۈرۈپ، يۈكۈنۈپ باش ئۇرۇپ ھەمدە ئائىلە خېتىنى ئوقۇپ، تۇغقانلىرىغا بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى