باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قۇرۇلۇش پەن-تېخنىكىسىدىن قايسىلار بار؟ جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى بېيجىڭدا دوكلات ئېلان قىلىپ تەپسىلىي ئانالىز قىلدى

2018.12.05 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىللىق دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قۇرۇلۇش ساھەسىدە قانداق مۇھىم نەزەرىيە تەتقىقات مەسىلىسى ۋە تېخنىكا ئېچىش قىيىن مەسىلىلىرى بار؟ 4-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىھەت بېرىش مەركىزى، «كىلارىۋاتې ئانالىتىكس» ۋە ئالىي مائارىپ نەشرىياتى بىرلىكتە تاماملىغان «دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قۇرۇلۇش 2018» دوكلاتى بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى.

  دوكلاتتا قۇرۇلۇش پەن-تېخنىكىسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان زور تەسىرى ۋە يېتەكچى رولى ئاساسىي تەتقىقات ۋە تېخنىكا يۆنىلىشى قىلىنىپ، ماشىنىسازلىق ۋە توشۇش قۇرۇلۇشى، ئۇچۇر ۋە ئېلېكترون قۇرۇلۇشى، خىمىيە سانائىتى، مېتاللۇرگىيە ۋە ماتېرىيال قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە ۋە كانچىلىق قۇرۇلۇشى، ئاممىۋى قۇرۇلۇش، سۇچىلىق ۋە بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، مۇھىت ۋە سانائەت-توقۇمىچىلىق قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى، داۋالاش-سەھىيە، قۇرۇلۇش باشقۇرۇشتىن ئىبارەت توققۇز ساھە چۆرىدىلىپ، يىللىق قۇرۇلۇش تەتقىقاتىدىكى ئالدىنقى 95 تۈر ۋە قۇرۇلۇشنى ئېچىشتىكى ئالدىنقى 96 تۈر تاللىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قۇرۇلۇش تەتقىقاتىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ھالقىلىق 27 تۈر ۋە قۇرۇلۇشنى ئېچىشتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ھالقىلىق 27 تۈر دۆلەت ئورۇنلاشتۇرمىسى، ھەمكارلىق ۋەزىيىتى شۇنداقلا تەرەققىيات يۈزلىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردىن تەپسىلىي ئانالىز قىلىنغان.تۈر مەسئۇلى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى چيەن شۈخۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى دوكلاتتا نۇقتىلىق تەھلىل قىلىنغان مەزمۇنلار ماشىنىسازلىق ۋە توشۇش قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى كېمىنىڭ يېڭى تىپتىكى ئىتتىرىش سېستىمىسى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تېخنىكىسى، ئۇچۇر ۋە ئېلېكترون قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى رادار يوشۇرۇش تېخنىكىسى، يېڭى بىر ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى، خىمىيە سانائىتى، مېتاللۇرگىيە ۋە ماتېرىيال قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى كەڭ كۆلەملىك ئېنېرگىيە ساقلاش تېخنىكىسى ۋە ئۇنىڭ ئاچقۇچلۇق ماتېرىيالى، ئېنېرگىيە ۋە كانچىلىق قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى ئىلغار يادرو ئېنېرگىيىسى تېخنىكىسى، ئاممىۋى قۇرۇلۇش، سۇچىلىق ۋە بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش ۋە 3D بېسىش تېخنىكىسى، مۇھىت ۋە سانائەت-توقۇمىچىلىق قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى يېڭى ئېنېرگىيە ۋە پاكىز ئېنېرگىيە تېخنىكىسى، يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى ئاساسلىق زىرائەت سورتى يېتىشتۈرۈشنى مولېكۇلالىق لايىھەلەش، داۋالاش-سەھىيە ساھەسىدىكى ئۆسمە مولېكۇلاسىنى ئايرىش بىلەن نىشانلىق داۋالاش، غول ھۈجەيرە تېخنىكىسى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قۇرۇلۇش ئىلمىي تەرەققىيات ۋە كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى مۇھىم تۇتقا، قۇرۇلۇش پەن-تېخنىكىسى كەلگۈسى يۆنىلىشىنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى. جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى لى شياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى ئالدىنقى قاتاردىكى قۇرۇلۇش تەتقىقات سۇپىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئوخشاش بولمىغان ساھە، كەسىپتىكى ئالىملار ۋە ئېنژىنېرلارنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى قۇرۇلۇش پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئەقلىنى توپلاپ، دۆلەت قۇرۇش پەن-تېخنىكا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى پىلانلاش، تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۇرسىتىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ۋاقىتىدا، ئالدىن كۆرەر پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ئىگىلىنىشچە، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى 2017-يىلى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قۇرۇلۇش تەتقىقاتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ماكرو ئىستراتېگىيە قاتلىمىدىن مىقدار تەھلىلى بىلەن سۈپەت جەھەتتىن تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈشنى سىناق قىلىپ، ھۆججەت سانلىق مەلۇمات ئانالىز مۇتەخەسسىسى بىلەن ساھەلەردىكى تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ چوڭقۇر ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرى، كارخانا، كەسپىي جەمئىيەت قاتارلىق 100دىن ئارتۇق ئاپپارات ۋە مىڭدىن ئارتۇق پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلغان، بۇنىڭدىن كېيىن يىلدا بىر قېتىم دوكلات ئېلان قىلىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر